تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان بىلەن ئاراقچى توختاپ قالغان ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئىرانلىق مەنسەپدېشى ئامېرىكانىڭ تەكلىپىدىن كېيىن سۇسلىشىپ قالغان سۆھبەت مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
فىدان بىلەن ئاراقچى توختاپ قالغان ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
تېھران ترامپنى ئىرانغا قايتا ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان بىر پەيتتە، فىدان ئاراغچى بىلەن كۆرۈشتى. (سۈرەت: ئارخىپ) / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئىرانلىق مەنسەپدېشى ئابباس ئاراقچى ئۆزئارا تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەت مۇساپىسىدىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكانىڭ تېھران سۇنغان ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپكە بەرگەن جاۋابىدا ھېچقانداق كونكرېت يول قويۇشقا يېقىنلاشمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«فارس» ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىراندىن پەقەت بىرلا يادرو ئەسلىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ۋە يۇقىرى دەرىجىدە قويۇقلاندۇرۇلغان ئوران زاپىسىنى ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان بەش ماددىلىق بىر تىزىملىك سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوننىڭ يەنە ئىراننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مۈلۈكلىرىنىڭ 25 پىرسەنتىنى قويۇپ بېرىشنى ياكى ئۇرۇش زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا بارلىق سەپلەردىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىش ئالدىنقى شەرتى قىلدى.

ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكانىڭ رېئال توقۇنۇشلار جەريانىدا ئېرىشەلمىگەن ئۆتۈنۈشلەرگە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سۆھبەتنى تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىران ئۆزىنىڭ تەكلىپىدە، لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سەپلەردە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دېڭىز قامالىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

تېھران يەنە ئىستراتېگىيەلىك ھۆرمۈز بوغىزىنى باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن بۇيان، رايون خاراكتېرلىك جىددىيلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.

8-ئاپرېلدىن بۇيان ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇلفەزل شىكارچى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلىماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «بىچارە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەھدىتلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تەقدىردە... دۆلىتىنىڭ بايلىقلىرى ۋە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەسكىن، ھەيران قالارلىق ۋە قالايمىقان سېنارىيەلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»