خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى «ترامپ لىنىيەسى» نى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران: ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز
ئىران: ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى «زەنگەزۇر كارىدورى» دەپمۇ بىلىنىدىغان «خەلقئارا تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئۈچۈن ترامپ لىنىيەسى» (TRIPP) گە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «رايونىمىز ۋە ئەتراپىمىزدا ئامېرىكانىڭ قانداقتۇر بىر مەۋجۇتلۇق كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.

ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس ئاراقچى «ترامپ لىنىيەسى» توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەرمېنىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئىراننىڭ بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرقانداق بىر قەدەم تاشلىمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 8-ئاۋغۇست ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزەربەيجاننىڭ ئاساسىي قۇرۇقلۇقى بىلەن ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا توسالغۇسىز تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بۇ لىنىيەنى (TRIPP) يولغا قويۇشنى قارار قىلغان ئىدى.

«زەنگەزۇر كارىدورى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان مەزكۇر لىنىيە دائىرىسىدە تۆمۈريول، تاشيول، ئېنېرگىيە ۋە ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ