سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئىرانغا قارشى «قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ» «ئاساسلىق جاۋابكارى» ئىسرائىلىيە
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنىڭ دۇنيادىكى مۇقىمسىزلىق بىلەن ئىقتىسادىي بېسىمنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئىرانغا قارشى «قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ» «ئاساسلىق جاۋابكارى» ئىسرائىلىيە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئىرانغا قارشى «قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ» «ئاساسلىق جاۋابكارى» ئىسرائىلىيە / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان «قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ» بىرىنچى دەرىجىلىك جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە رەھبىرى ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا: «رايونىمىزنى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرىپلا قالماي، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ زىممىسىگە ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك يۈكلىگەن بۇ قانۇنسىز ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك جاۋابكارى توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق ۋە كىرىزىسقا خۇمار بولۇپ قالغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدۇر» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇرۇشتا تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قاننىڭ نېتانياھۇنىڭ سىياسىي ئۆمرۈنى ئۇزارتىدىغان بىر <ھاياتلىق سۈيى> بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەقىل-پاراسەتنىڭ غەلىبە قىلىشىنى، بۇنىڭ قان تۆكۈلمەستىن تىنچلىققا يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
شىمالىي كورېيە ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
مودى پۇتىنغا: توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دىيالوگدۇر
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىراننىڭ  ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى