تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدىئېفىيوپىيەدىكى 20 ساقچىغا تور جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۇچۇر ۋە ھۆججەت توپلاش ھەمدە دەۋا بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيە بېرىلدى.
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (تېكا – TİKA) بىلەن ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئېفىيوپىيەدىكى 20 ساقچىغا تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيە بېرىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، «خەلقئارا ساقچىلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق تۈرى» دائىرىسىدە ئېفىيوپىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بەش كۈنلۈك تەربىيەلەشنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 پىروگراممىدا تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر، جازا تەدبىرلىرى، جىنايەت تۈرلىرى ۋە بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش ئۇسۇللىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

مەزكۇر 20 ساقچىغا جىنايى ئىشلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇچۇر ۋە ھۆججەت توپلاش ھەمدە تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە ئەمەلىي مىساللار ئاساسىدا تەربىيە بېرىلدى.

مەزكۇر تۈر دائىرىسىدە ئالدىنقى يىلى ئېفىيوپىيەدىكى 21 ساقچىغا ئاساسلىق تور تېخنىكىسى، تۈركىيەدە بولسا 12 ساقچىغا ئەدلىيەلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش بويىچە تەربىيە بېرىلگەن ئىدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەددىس - ئېبېيبە پىروگرامما ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 2005-يىلىدىن بۇيان ئېفىيوپىيەدە مائارىپ، سەھىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە سۇ قاتارلىق ساھەلەردە 450 گە يېقىن تۈرنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
ژاندارما قىسىملىرىنىڭ يەرلىك روبوتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست بايرىمىدا كۆرگەزمە قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركەتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن 500 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى
ئامېرىكا 23 يىل ئىلگىرى ئىشغال قىلغان ئىراقتىن چېكىنىشنى تاماملىدى
تېكنوفېست بايرىمى شەرقىي جەنۇبتا ھاۋا كۆرگەزمىسى بىلەن رەڭدار تۈس ئالدى
خاقان فىدان شىمالىي رېين-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شاھىن: مىللىي يانفون مالاتيادا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە قوشما تاموژنا كومىتېتى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان كۇرسانتلىرى تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى بايقاردا تەربىيەلىنىشنى تاماملىدى
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
فىدان تۈركىيە-سۈرىيە-سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى