سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە ي پ گ تېررورچىلىرىنى ھەلەبتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
دەمەشىق يېڭى چېكىنىش مۆھلىتى بېكىتكەن بىر ۋاقىتتا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ (خەلق قوغدىنىش قىسمى) (YPG) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە قوغلىۋېتىش ئۈچۈن كارىدور ئاچتى.
سۈرىيە ي پ گ تېررورچىلىرىنى ھەلەبتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
سۈرىيە ئىچكى بىخەتەرلىك قىسىملىرى ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا چېكىنىشى ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AP

سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە (2026-يىلى 9-يانۋار) كۈنى ۋاقىتلىق ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئالتە سائەت ئۆتكەندە بۇزۇلغاندىن كېيىن، «پ ك ك|ي پ گ گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ھەلەب (Aleppo) تىن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلارغا يۆتكىلىدۇ» دېدى.

ھەلەب ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىرلىق ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ «بىر قانچە سائەت ئىچىدە» شەھەردىكى مەھەللىلەردىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت يېنىك تىپتىكى شەخسىي قوراللارنىلا ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ بايانات دەمەشىق تەرەپ بېكىتكەن چېكىنىش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ گۇرۇھنىڭ كېلىشىمگە تولۇق ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىدۇ

سۈرىيە ئەمەلدارلىرى ئەگەر فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىش ئەمەلگە ئاشمىسا، نىشانلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئەل-ئىخبارىيە (Alikhbaria) تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتوموبىللار شەيخ مەخسۇد مەھەللىسىگە كىرىپ ي پ گ ئەزالىرىنى توشۇش ئۈچۈن لەيرامۇن ئايلانما يولىغا يېتىپ بارغان.

ي پ گ بولسا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى بىر قانىتى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.

سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەلەب بىلەن ئۇنىڭ شىمالىي يېزىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كاستېللو (Castello) يولىنىڭ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىن قاتناشقا ئېچىۋېتىلگەن.

ئىچكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ماسلىشىپ، ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ شەيخ مەخسۇدتىن سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا چېكىنىشى ئۈچۈن بىخەتەر كارىدور ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Syrian Defence Ministry announces ceasefire in Aleppo neighbourhoods

يېڭى مۆھلەت بېكىتىلدى

سۈرىيە تېلېۋىزىيەسى ئارمىيەنىڭ ي پ گ ئەزالىرىنى شەيخ مەخسۇدتىن چىقىرىش ئۈچۈن يېڭى مۆھلەت بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما بۇ خەۋەر تېخى سۈرىيە رەسمىي مەنبەلىرى تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلمىدى.

بۇ تىركىشىش سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى 2025-يىلى 10-مارتتا ئېلان قىلغان، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ي پ گ باشچىلىقىدىكى سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (SDF)  نى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېلىشىمىنىڭ بار بولۇشىغا قارىماي يۈز بەردى.

سۈرىيە دائىرىلىرى بۇ گۇرۇھنىڭ كېلىشىم تۈزۈلگەن بىر قانچە ئايدىن بۇيان، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم باسمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

دەمەشىق 2024-يىلى دېكابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇھىم شەھەرلەرنى قايتىدىن كونترول قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا خەۋپسىزلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شارا: ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئىسپانىيە: سېئۇتادىكى 50 مىڭ كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسى ماراكەشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ھەربىي يۈك توشۇيدىغان پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنادا 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا رۇسىيەدە ئۈچ كىشى ئۆلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە - ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئومان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەسپىيداشلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
پۇتىن: رۇسىيە نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ