ھۇسىيلار گۇرۇھى: ئەدەندىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىك ئىشخانىسى جايلاشقان ھەربىي لاگېرغا زەربە بەردۇق
ئەدەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى.
يەمەندە ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەن شەھىرىدىكى بەدىر ھەربىي لاگېرىغا جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بىر ھەرىكەت يېتەكچىلىك ئىشخانىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ ئارمىيە باياناتچىسى يەھيا سەرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ ھەقتە توختالدى.
سەرى ئەدەندىكى بەدىر ھەربىي لاگېرىغا جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانغا تەۋە بىر ھەرىكەت يېتەكچىلىك ئىشخانىسىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا نىشانغا دەل تەگكۈزگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەدەنگە قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئەدەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.


























