سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە رۇسىيەنى چېكىندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا تانكا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
يەكشەنبە كۈنى رومادا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىز، دۆلىتىنىڭ رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن «قولىدىن كېلىشىچە» تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋسترالىيە رۇسىيەنى چېكىندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا تانكا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
/ Reuters

ئاۋسترالىيە مېدىيا شىركىتى (ABC)  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنى چېكىندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بۇ دۆلەتكە ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان بىر تۈركۈم ئابرامىس تانكىلىرىنىڭ «يولغا چىققانلىقى»غا كاپالەت بەردى.

ABC نىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالبانىز ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان بىر تۈركۈم تانكىلارنى ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن، ئەمما تانكىلار ئاۋسترالىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان؛ مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى كېچىكىشنىڭ قىسمەن ئامېرىكانىڭ قارشىلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇ ھەربىي ماشىنىلار ئاخىرى ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ ئۇزۇن دېڭىز سەپىرىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تانكىلارنى ئىئانە قىلىش قارارىدىن كۈچلۈك دەرىجىدە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 ABC  نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن يىلى، دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ، بىز ئاۋسترالىيەلىكلەرنى بۇ ئابرامىس تانكىلىرىنى ئەۋەتىشنىڭ مۇرەككەپ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئۇرۇش مەيدانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بۇلارنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراشتا قىينىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدۇق.»

ئالبانىز بىلەن زېلېنىسكىي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى سۆھبەتلەر، ئاۋسترالىيەنىڭ رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Lavrov says Russia ready to reach a deal on Ukraine

رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش

ئاۋسترالىيە ئۇكرائىنانى تەخمىنەن 962  مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى.

ئالبانىز مۇخبىرلارغا تانكىلارنىڭ تاپشۇرۇش ۋاقىت جەدۋىلى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە بۇنى ئاشكارىلاشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زېلېنىسكىي تانكىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئالبانىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى يۇقىرى باھا بەردى.

ئاۋسترالىيە ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 1400  رۇسىيەلىك شەخس، ئورۇن ۋە تەشكىلاتقا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما زېلېنىسكىي كانبېررانىڭ تېخىمۇ كۆپ قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالبانىز، ئاۋسترالىيەنىڭ «رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نىڭ سىگنالىنى بەردى.

ئالبانىز يەنە، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا سونغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدىكى تەشەببۇسلىرىغىمۇ ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلدى.

رومادا ۋون دېر لېيېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ پىكىرگە «مۇتلەق قىزىقىدىغانلىقى»نى،ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە «تولىمۇ  باشلانغۇچ باسقۇچلاردا»ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز