كولومبىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 66 كىشى قازا قىلدى. ئونلىغان كىشى يارىلاندى
114 ئەسكەر ۋە 11 خادىمنى ئېلىپ ماڭغان خېركۇلېس (Hercules) C-130 تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئېكۋادور چېگراسىغا يېقىن بىر رايوندا چۈشۈپ كەتتى، ئوت كەتكەن ئايروپىلان خارابىلىكى ئاستىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ AFP غا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كولومبىيەنىڭ جەنۇبىدا 125 كىشىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 66 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
خېركۇلېس C-130 تىپلىق ئايروپىلان، ئېكۋادور جەنۇبىي چېگراسىغا يېقىن پۇئېرتو لېگۇيزامو (Puerto Leguizamo) دىن كۆتۈرۈلۈپلا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلان پارچىلىرى ئوت ئېلىپ ئورمانلىققا چېچىلىپ كەتكەن.
كولومبىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلان پۇئېرتو لېگۇيزامو بىلەن ئامازوننىڭ يەنە بىر رايونى ئوتتۇرىسىدا 114 ھەربىي خادىم ۋە 11 پۇقرا خادىمنى توشۇۋاتقان ئىدى.
گېنېرال كارلوس فېرناندو سىلۋا رۇېدا (Carlos Fernando Silva Rueda) ئايروپىلاندىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. دائىرىلەر ھازىرغىچە 48 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يىگىرمە بىر كىشى يەنىلا يوقاپ كەتكەنلەر قاتارىدا.
دۆلەت رەئىسى گۇستاۋو پېترو (Gustavo Petro) تۇنجى باياناتىدا ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مۇداپىئە مىنىستىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sanchez) بۇ پاجىئەلىك ۋەقەدىن «چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى» بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يارىلانغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
سانچېز X تىكى يازمىسىدا: «بۇ ۋەقەدىن تەسىرگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن ۋە... رەسمىي ئۇچۇرلار كەلگۈچە پەرەزلەردىن ساقلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
نەق مەيداندىن كەلگەن تەسۋىرلەردە، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇن ۋە يالقۇنلار ئۆرلەۋاتقان بىر پەيتتە، پۇقرالارنىڭ ئايروپىلاننىڭ سۇنۇپ كەتكەن قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى كۆرۈنىدۇ.
مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقان چېگرا رايونى يېقىنقى ھەپتىلەردە كولومبىيە ۋە ئېكۋادور قوراللىق كۈچلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان كارتېللار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان جىددىي ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلماقتا ئىدى.
بۇ ۋەقە، جەنۇبىي ئامېرىكادا ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە C-130 خېركۇلېس تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم چۈشۈپ كېتىشى بولۇپ خاتىرىلەندى. 27-فېۋرال كۈنى لا پاز (La Paz) غا يېقىن يەردە بولىۋىيەگە تەۋە بىر ھەربىي يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن ۋە بۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 24 كىشى قازا قىلغان ئىدى.
Lockheed Martin تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان تۆت ماتورلۇق تۇربوپرۇپ (turboprop) ئايروپىلانى خېركۇلېس، ۋاقىتلىق ئايرودروملاردىن كۆتۈرۈلۈش ۋە قونۇش ئىقتىدارى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئارمىيە تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.