ئەنقەرەدە تۈرك ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنقەرەدە تۈرك ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ2025-يىلى 18-نويابىر سائەت 10:00 دا ئەنقەرەدە خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى / AA
2025-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى

مۇراسىمغا تۈرك ئاكادېمىيەسى رەئىسى شاھىن مۇستافايېۋ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىنئالى يىلدىرىم، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئۆزگۈر ۋولقان ئاغار، تۈركسوي (TÜRKSOY) باش كاتىپى سۇلتان رائېۋ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ۋەكىلى ۋە ۋېنگىرىيە پارلامېنتى ئەزاسى ئاتتىلا تىلكى، ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنى باشلىقى دەرىيا ئۆرس، تۈركىيە يۇنېسكو (UNESCO) دۆلەتلىك كومىتېتى رەئىسى ئۆجال ئوغۇز، تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى (TÜBA) باشلىقى مۇزەپپەر شەكەر، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرى فوندى رەئىسى ئاقتوتى رايىمقۇلوۋا، تۈركپا (TÜRKPA)  مۇئاۋىن باش كاتىپى ساكى سادىقوۋ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىن مۇئاۋىن باش كاتىپى مەرەي مۇقاجان قاتارلىقلار بىلەن بىرگە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاكادېمىك ساھە ئەھلىلىرى قاتنىشىدۇ.

پائالىيەت دائىرىسىدە، تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ يېقىنقى 15 يىلدا نەشر قىلغان ئاساسلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى ۋە مونوگرافىيەلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئاكادېمىيەنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئالاھىدە فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە تونۇشتۇرۇش فىلىمى مېھمانلارغا سۇنۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرىدىكى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، سۇ بايلىقىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ھەمدە قاتناش-تىرانسپورت ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ئۆزئارا ئالاقىىسىگە دائىر ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە تەييارلىغان يىللىق ئانالىتىك دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلغان ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىندا، ئاكادېمىيە تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان تۈرلەرنىڭ ئاساسلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ.

تۈرك ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئورتاق تۈرك يېزىقىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

2025-يىلى 19-نويابىر بولسا، «تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىكىگە يېڭى قەدەم: ئورتاق يېزىقتا نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر» ناملىق پائالىيەت دائىرىسىدە، سائەت 10:00 دا تۈرك ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئورتاق تۈرك يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئاباينىڭ «قارا سۆزلىرى» ۋە چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ «ئاق پاراخوت» ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن تۈركسوينىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتكە يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى كۈرشاد زورلۇ، تۈرك تىلى ئىدارىسى باشلىقى ئوسمان مەرت، چىڭگىز ئايتماتوۋ ئىنستىتۇتى باشقۇرۇش ھەيئىتى رەئىسى ئىلياس توپساقال قاتارلىقلار بىلەن تۈرك دۇنياسى ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار
جەنۇبىي ئافرىقادىكى بىر قاۋاقخانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
سۈرىيە خەلقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى يىلىنى  قىزغىن تەبرىكلىمەكتە
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە قورال سېتىپ بېرىدۇ
كانادا سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى
غەززەدە خەلقئارالىق ئورگان يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
تەيۋەن: خىتاي «ھەربىي ھەرىكەتلەر»نى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا
ھىندىستان بىتەرەپ ئەمەس
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ
ئىسىرائىلىيە يېڭى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتتى