ياۋروپادا خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى نامايىشلار كېڭەيمەكتە

ياۋروپا ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.

ياۋروپادا خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى نامايىشلار كېڭەيمەكتە / Reuters

غەززەدىكى قورشاۋ ۋە ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە غەزەپ - نەپرەت كۈنسېرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە.

ياۋروپا مىقياسىدا ئون مىڭلىغان كىشى پەيشەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توشۇغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، تارتىۋېلىنغان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا قىلىنغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تەشكىللىگۈچىلەر دېڭىز ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ ياردەم پائالىيىتى دەپ ئاتىغان فىلوت، 1 – ئۆكتەبىر غەززە سۇ تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقاندا، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئون نەچچە پاراخوتنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىپ، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن كىشىنى قولغا ئالدى.

 نامايىشچىلار فىرانسىيەدە پارىژدىكى تارىخىي جۇمھۇرىيەت مەيدانى (Place de la République) دا ھۇجۇمنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى. پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان خەلق «ئىسرائىلىيە يوقالسۇن، پەلەستىن سېنىڭ ئەمەس» ۋە «ياشىسۇن پەلەستىن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەدە قولغا ئېلىنغان ۋە فىرانسىيە پۇقرالىرىمۇ بار بولغان فىلوت پائالىيەتچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بېلگىيەدە يۈزلىگەن كىشى پايتەختتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولدى. نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان نامايىشتا، «بارلىق كۆزلەر غەززەدە» دېگەن تېما ئاستىدا پەلەستىن بايرىقى لەپىلدىتىلدى.

نامايىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى لىيۇكسېمبۇرگ مەيدانىغىچە داۋاملاشتى. خەلق «ئەركىن پەلەستىن»، «پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەسمىز» ۋە «غەززەگە ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار بېلگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىنى فىلوت ھەم پەلەستىن خەلقىگە بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئىسپانىيەدە ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 24 چوڭ شەھەردە ھەمكارلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مادرىد ۋە بارسېلونا نامايىشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.

 مىڭلىغان كىشى مادرىددىكى سانتا كىرۇز سارىيىغا (Santa Cruz Sarayı) جايلاشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ، قولغا ئېلىنغان فىلوت ئەزالىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا، ھۆكۈمەتنى نېتانياھۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.

پايتەختتە «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىل»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» ۋە «ئەركىن پەلەستىن» دېگەندەك شوئارلار ياڭرىدى. بەزى نامايىشچىلار ئاساسلىق يوللارنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ، ساقچىلار بىلەن قىسقا سۈركىلىشلەرگە سەۋەب بولدى.

بارسېلونادا نامايىشلار ھەم فىلوتنىڭ 30 – ئاۋغۇست يولغا چىققان پورتىدا ھەم ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە جىددىي دىپلوماتىك ھەرىكەت قوللىنىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

ۋالېنسىيە، پامپلونا، تولېدو، سېۋىللا ۋە بىلباۋدا ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ھەپتە ئاخىرىدىكى نامايىشلارغا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

غەزەپ - نەپرەت يەرلىك سىياسەتكىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. مادرىد رايونلۇق پارلامېنتىدا، سولچىل «ماس مادرىد» پارتىيەسى مەجلىس زالىدا پەلەستىن بايرىقىنى ئاچتى ۋە بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مۇتەئەسسىپ خەلق پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولدى.

ئاراگون پارلامېنتىدا، پارلامېنت ئەزالىرى غەززە ۋە خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى، لېكىن ئوڭ قاناتتىكى «ۋوكس» ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ زالدىن چىقىپ كەتتى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خوسې مانۇئېل ئالبارېس، يەرلىك تاراتقۇلار «تېلېفون دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتىغان بىر تىرىشچانلىق دائىرىسىدە، فىلوت ئەزالىرىنى قوغداشتا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش ئۈچۈن تۈركىيە، بېلگىيە، ئىرېلاندىيە، بىرازىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى رەئىسى كايا كاللاس بىلەن كۆرۈشتى.

شىۋېيتسارىيەدە مىڭلىغان كىشى گېنېۋادىكى لىسې گىراردىن مەيدانىدا فىرانسۇزچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ توسقۇنلۇقسىز يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

بېرن، بازەل، لۇگانو، لۇسېرن ۋە زۇرىختا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارمۇ ئوخشاش بولدى. گېنېۋادىكى نامايىش ساقچىلارنىڭ قاتتىق كۆزىتىشى ئاستىدا نەچچە سائەت داۋام قىلىپ، ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمەستىن ئاخىرلاشتى.

ئەنگلىيەدە يۈزلىگەن كىشى لوندوندىكى پارلامېنت مەيدانىغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى جايلاشقان ۋايتخالغا قاراپ ماڭدى. پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن نامايىشچىلار، «ئەركىن پەلەستىن» ۋە «غەززەنى بومباردىمان قىلما» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

 خەلق كوچىلارغا چىققاندا قاتناش توختاپ قالدى ۋە بەزى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى نامايىشچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنى چالدى. ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ ترافالگار مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ، توقۇنۇشلارغا ۋە بىرنەچچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولدى. پايتەختنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ كىچىك كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

گىرېتسىيەدە مىڭلىغان كىشى ئاتىنادا ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» ۋە «قورشاۋنى بۇز، پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

تەشكىللىگۈچىلەر ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە فىلوتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن قانۇنلۇق تىرىشچانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئورتاق باياناتنى ئوقۇدى.

سالونىكا، پاتراس، خانيا، مىتىلىنى، خىيوس، ۋولوس ۋە لارىسسادا ئوخشاش نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار فىلوتتىكى 27 گىرېتسىيە پۇقراسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى كەچتە غەززە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقان فىلوتقا ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە 443 پائالىيەتچىنى قولغا ئالدى. تەشكىللىگۈچىلەر غەززە قورشاۋىنى بۇزۇش خەلقئارا كومىتېتىنىڭ (ICBSG) 22 پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە تارتىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى، 19 پاراخوتنىڭ بولسا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ تېخى دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قالغان تۆت پاراخوتتىن ئىككىسى قوللاش پاراخوتى سۈپىتىدە قايتىپ كەتتى. «مارىنېتتې» ناملىق پاراخوت تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن كېچىكىپ غەززەگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇردى.

ئاساسلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە داۋالاش ماتېرىياللىرى قاچىلانغان فىلوت، ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى يولغا چىققان ئىدى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەخمىنەن 50 پاراخوت، يۈزلىگەن پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە غەززەگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ كىشى ياشايدىغان غەززەگە 18 يىلدىن بۇيان قورشاۋ يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، مارت ئېيىدا چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاپ، يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈشنى توسۇپ، قورشاۋنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئەھۋال رايوننى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرى 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 66 مىڭ 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

ب د ت ۋە چوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قورشاۋ ئاستىدىكى رايوننىڭ ياشاش مۇمكىن شەكىلدە ۋەيران بولغانلىقى ۋە ئاچارچىلىق بىلەن كېسەللىكلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلدى.