ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان بىناغا سوقۇلۇپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونىدا بىر كىچىك ئايروپىلان بىر سودا بىناسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان بىناغا سوقۇلۇپ كەتتى / TRT Uyghur

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونىدا بىر كىچىك ئايروپىلان بىر سودا بىناسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 18 كىشى يارىلانغان، يارىدارلاردىن 10 ى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دائىرىلەر تېخى ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولۇپ، قازا قىلغانلارنىڭ بىنادا ئىشلەيدىغانلار ياكى ئايروپىلاندىكىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

ساقچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى بىنالاردىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان، خەلقنىڭ بۇ جايغا يېقىنلاشماسلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.