سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئوتتۇرا شەرق ساياھىتى دائىرىسىدە تۈركىيەدىمۇ زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا: «تۈركىيە ۋە رەھبىرى ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ناھايىتى ياخشى» دېدى.
ترامپ ئوتتۇرا شەرق ساياھىتى دائىرىسىدە تۈركىيەدىمۇ زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىماقتا
If the visit materialises, it would be Trump's first presidential trip to Türkiye. / TRT World

«‹CNN Arabic› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئايدا چىقىدىغان ئوتتۇرا شەرق ساياھىتى دائىرىسىدە تۈركىيەدىمۇ زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ پەيشەنبە كۈنى «‹CNN Arabic› تېلېۋىزىيەسى» گە بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ھەمدە بۇ پىلاندىن خەۋەردار ئىككى مەنبەگە كۆرە، ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتە تېخىچە ئېنىق بىر قارار چىقىرىلمىغان بولۇپ، پىلاننىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە خىزمەت ئىشلەنمەكتە ئىكەن.

 تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشى

 ئاقسارايدىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ «‹CNN Arabic› تېلېۋىزىيەسى» گە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ترامپ يېقىندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن.

 مەنبەلەرگە كۆرە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ساياھىتى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىش پىلانى يوق ئىكەن.

ئاقساراي ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەلۇمات بېرىش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ترامپ ئىلگىرى ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ترامپ بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىرگە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە بەرگەن باياناتىدا: «تۈركىيە ۋە رەھبىرى ئەردوغان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ناھايىتى ياخشى» دېگەنىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئەردوغاننى «مىجەزى كەسكىن ۋە ناھايىتى ئەقىل پاراسەتلىك ئادەم، چۈنكى ئۇ ھېچكىم قىلالمىغان بىر ئىشنى قىلدى» دەپ تەرىپلىگەن، بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق «بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىنى تۈركىيە ئەمەلگە ئاشۇردى» دېگەن باياناتلىرىغا ئىشارەت قىلغانىدى.

ئەگەر بۇ زىيارەت ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ترامپنىڭ پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان تۈركىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولىدۇ.

ترامپتىن ئىلگىرىكى ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن جورج بۇش 2004-يىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان، باراك ئوباما بولسا 2009 - ۋە 2015-يىللىرى تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى