تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە 51-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) غا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 21-ۋە 22-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ.
تۈركىيە 51-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ
2025-يىلى6-ئاينىڭ20-كۈنى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى غەززەدىكى ئۇرۇش ۋە كۈچىيىۋاتقان ئىسرائىلىيە-ئىران جىددىيچىلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئورتاق مەيدان شەكىللەندۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) غا ئەزا 57 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 21-ۋە 22-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىغىن غەززە، ئىران ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئېچىلىدۇ.

يىغىندا، كۆپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قىيىنچىلىقلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. يىغىنغا كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئورگانلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بولۇپ، جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېچىلىش يىغىنىدا رايوندىكى يىرىكلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

شۇنداقلا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان كامېرۇنلۇق مەنسەپدىشى لېژۇن مبېللا مبېللادىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ ھەمدە يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلەيدۇ.

ئىككى كۈنلۈك يىغىن داۋامىدا مىنىستىرلارنىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى، رايوننى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى، ئىككى دۆلەت ئاساسىدىكى ھەل قىلىش چارىسىگە دائىر چاقىرىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۈنتەرتىپكە يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان يېقىنقى ھۇجۇملىرىنىڭ رايون ۋە دۇنيا بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئورتاق خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يىغىننىڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ رەئىسلىك مەزگىلىدە پەلەستىن دەۋاسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىكەن. ئۇ ئەنقەرەنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيانقى مەيدانىنى قايتا جاكارلاپ، بۇنى «رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى» دەپ كۆرسىتىدىكەن.

خاقان فىداننىڭ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ لىۋان، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى يېقىنقى ھۇجۇملىرىنى مىسال قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى قايتا بىلدۈرۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئىران ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلەيدۇ

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئەراقچىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا شەنبە كۈنىدىكى يىغىنغا قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي مۇئەسسەسەلىرىگە قاراتقان يېقىنقى ھۇجۇملىرىغا، بولۇپمۇ ئاراكتىكى خونداب يادرو ئەسلىھەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مەركەزلەشكەن ئالاھىدە بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ «قورال ياساشقا كېرەكلىك پىلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن» دەپ قارىغان، قىسمەن ياسىلىپ بولغان بىر ئېغىر سۇ رېئاكتورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە بۇ ھۇجۇملارنى خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق دەپ قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىراننىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىنى ھىمايە قىلغان.

پاكىستان پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مۇھەممەد ئىسھاق دار ئىسلامئابادنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى ۋە غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دارنىڭ يەنە رايون مۇقىملىقى، ھىندىستان بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

مالايشىيا مۇسۇلمانلار بىرلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا جاكارلايدۇ

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتو سېرى مۇھەممەد ھەسەن ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مالايشىيانىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر باياناتنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بايانات پەلەستىننىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەۋرەنمەستىن قوللاش، ئىسلاموفوبىيەگە (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش) ۋە دىنىي نەپرەتكە قارشى كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق نىشانىغا ماس كېلىدىغان تەشەببۇسلارنى ئالغا سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسلام ھەمکارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىروگراممىسى يولغا قويدى
گرېمىڭگېر:تۈركىيە قاتارلىق كۈچلەر تېخىمۇ ئادىل يەرشارى تەرتىپىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ
پاكىستان-ئافغانىستان سۆھبىتى ئىستانبۇلدا داۋاملىشىدۇ
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ
مېرز: تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
سودا مىنىستىرى بولات: تۈركىيە-سۈرىيە بىۋاستە قاتناش يولى كېلەر يىلى ئېچىلىدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئاشكارا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىدى» دېدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 - يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە
ئەردوغان بىلەن ستارمېر «ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانى –تايفۇن» كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
تۈركىيەنىڭ غەربىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى
تۈركىيە «ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان» غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارشى ئالدى
ئەردوغان بىلەن ئومان سۇلتانى ئىككى دۆلەت ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە بىلەن قاتار دۆلەت مۇداپىئەسى، سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداپ قېلىش ناھايىتى مۇھىم