ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران قاتارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ ئاگاھلاندۇردى
ترامپ ئىراننىڭ قاتاردىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قايتۇرغان «ھۆرمەتلىك» جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئىران قاتارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ ئاگاھلاندۇردى
ترامپ: ئىران قاتارغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ ئاگاھلاندۇردى / Reuters

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ   يادرو پىروگراممىسى نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن، ئىراننىڭ قاتاردىكى ئامېرىكانىڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكانىڭ 250 - يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئىئوۋا شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىشتا سۆز قىلغان ترامپ مۇنداق دېدى:

«بسىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، ئىران دائىرىلىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى. بۇ ئۇلارنىڭ بىزگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بىز 14 بومبا تاشلىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار ‹سىلەرگە 14 قېتىم ھۇجۇم قىلماقچىمىز› دېدى. مەنمۇ ‹داۋاملاشتۇرۇڭلار، مەن سىلەرنى توغرا چۈشىنىمەن› دېدىم.»

ترامپ ئىراننىڭ يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ (CENTCOM) ئالدىنقى قوماندانلىق مەركىزى بولغان ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئۇلار قەيەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ‹ماقۇل› دېدىم. بىز بازىنى بوشاتتۇق. قاتاردا بىر قالتىس ھەربىي بازىمىز بار ئىدى.»

 «چاتاق يوق دېدىم»

 

ترامپ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئۇلار: ‹ترامپ ئەپەندىم، ھۇجۇم سائەت بىردە› دېدى. مەنمۇ چاتاق يوق دېدىم.»

«تەسەۋۋۇرلار قىلالامسىلەر؟ مەن ئىراننى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن، ئۇلار ماڭا تېلېفون قىلىپ، 14 قېتىم ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدىغان دەرىجىدە ئەدەپلىك ئىدى. مەنمۇ ‹داۋام قىلىڭلار› دېدىم. ئۇلار ناھايىتى ئىلغار، ئىنتايىن تېز سۈرئەتلىك 14 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.»

ئىراننىڭ 23-ئىيۇن كۈنى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى، 13-ئىيۇن كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىشى بىلەن باشلانغان ۋە تەخمىنەن ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. تېھراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىغا قارىتا، ئامېرىكامۇ ئىراننىڭ ئۈچ يادرو مۇئەسسەسەسىنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

ھۇجۇملاردىن بىر كۈن كېيىن، يەنى 24-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى.

ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ھەققىدىكى دەۋاسىنىمۇ تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:

«ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بىتچىت قىلىندى. CNN نىڭ بىتچىت قىلىنمىدى دېگەنلىكى ئېسىڭلاردىمۇ؟ ھازىر ئىسپاتلاندى، ئىراننىڭ مەزكۇر پىلانى بىتچىت قىلىندى.»

3-ئىيۇل كۈنى پېنتاگون (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى) باياناتچىسى سېئان پارنېل (Sean Parnell) ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى «ئىككى يىلغىچە» چېكىندۈرگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىپ قالغان تېخىمۇ ئېھتىياتچان دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىماي، نىشانىغا يەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى