ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە يەلكەنلىك پاراخوت برۇكلىن كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتتى
مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەشىق پاراخوتىنىڭ برۇكلىن كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى قازا قىلىپ، 19 كىشى يارىلاندى.
مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە يەلكەنلىك پاراخوت برۇكلىن كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتتى
The Brooklyn Bridge was temporarily closed but sustained no structural damage. / AP

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، شەنبە كۈنى كەچتە برۇكلىن كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇپ كەتكەن مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسى يەلكەنلىك مەشىق پاراخوتىنىڭ تۇرۇكلىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى سۇنۇپ چۈشۈشىش نەتىجىسىدە ئىككى كىشى قازا قىلىپ، 19 كىشى يارىلانغان.

نەق مەيدان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە، پاراخوت نيۇيورك شەھرىنىڭ برۇكلىن ۋە مانخاتتان رايونىنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان  كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈۋاتقاندا سوقۇلغانلىقى كۆرۈلدى.

نيۇيورك شەھەر باشلىقى ئېرىك ئادامس باياناتىدا 19 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلدارلار يارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاراخوتتا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئاق ماتروس فورمىسى كىيگەن بىر قانچە كىشىنىڭ پاراخوتنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزىغا ئېسىلىپ قالغانلىقى كۆرۈلدى، نيۇيورك شەھىرىنىڭ جەنۇبىي كوچىسى دېڭىز پورتىغا يېقىن بولغان كۆۋرۈك ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بولسا پاراخوت يېقىنلاشقاندا قېچىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.

1883-يىلى تاماملانغان ئاسما كۆۋرۈك  مانخاتتان بىلەن برۇكلىن ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق لىنىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، داڭلىق ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

نيۇيورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى كىشىلەرنىڭ زادى قانداق يارىلانغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»