خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت نۇنېز 158 مائارىپ ئاپپاراتى ئەتراپىدا «شەھەر زوراۋانلىقى» ۋەقەلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت نۇنېز يېقىندىن بۇيانقى دۆلەتنى لەرزىگە سالغان نامايىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار ئېلان قىلغان باياناتىدا، 158 مائارىپ ئاپپاراتى ئەتراپىدا «شەھەر زوراۋانلىقى» ۋەقەلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت نۇنېز، TF1 قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشلار جەريانىدا 158 مائارىپ ئاپپاراتى ئەتراپىدا «شەھەر زوراۋانلىقى» ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

نۇنېز 735 مەكتەپنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 1747 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈدى ۋە نامايىش كۆلىمىنىڭ «ھەيران قالارلىق» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

تېخىمۇ ياخشى مائارىپ شارائىتى تەلىپى بىلەن ھەپتىلەردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار دائىرىسىدە، جۈمە كۈنى يۈزلەرچە مەكتەپ تاقىلىپ قالدى ياكى ئوقۇتۇش ئاقسىدى. مەملىكەت مىقياسىدا ئاممىۋى نازارەتكە ئېلىشلار يۈز بەرگەن بىر پەيتتە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

نۇنېز نامايىشلار جەريانىدا تۈرلۈك جىسىملارنىڭ ئېتىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ژۇرنالىستلارنىڭ ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا تەخمىنەن 900 نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى نازارەتكە ئېلىنغان. ۋەقەلەردە 300 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە ژاندارما خادىمى يارىلانغان.

ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تۈرلۈك تەشكىلاتلار بىلەن سولچىل ۋە ئەسەبىي سولچىل سىياسىي گۇرۇپپىلار، ساقچىلارنىڭ «بېسىمى» دەپ تەرىپلىگەن پوزىتسىيەلەرگە قارشى 6-ئۆكتەبىردە ئىككىنچى قېتىملىق ئاممىۋى نامايىشقا چاقىرىق قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Rights group slams police violence against French students

16 ياشلىق ئوقۇغۇچى بىر كۆزىدىن ئايرىلدى

«France Info» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توئۇرس (Tours) شەھىرىدە نامايىش جەريانىدا يارىلانغان 16 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كۆزى كۆرۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان.

ئوقۇغۇچىنىڭ فىرانسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن LBD-40 تىپلىق مۇداپىئە ئوقى ئاتىدىغان قورال بىلەن يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇرۇنقى نامايىشلاردىمۇ ئېغىر يارىلىنىشلارغا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن تالاش-تارتىش قوزغىغان بۇ قورالنىڭ ئىشلىتىلىشى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

«La Nouvelle Republique» گېزىتى، 16 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە جۈمە كۈنى دۆلەتلىك ساقچى باش نازارەتچىلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىپادىسىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى خادىمى ئوقۇغۇچىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا جۈمە كۈنى «Alertes Infos» تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن كۆرۈنۈشلەردە، بېلفورت (Belfort) تا بىر ساقچى خادىمىنىڭ بىر نامايىشچىنىڭ بېشىنى سۇنىڭ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقى كۆرۈلدى.

«Alertes Infos»، كۆرۈنۈشلەردە ساقچىنىڭ «ياشنىڭ بېشىنى ئۇزۇن سېكۇنتلارغىچە سۇنىڭ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

ئەمما بېلفورت جۇمھۇرىيەت تەپتىشى پاۋل-ئېدۇارد لاللوئىس (Paul-Edouard Lallois)، ساقچىنىڭ بىر نامايىشچىنى بوغۇشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى.

لاللوئىس ساقچى خادىمىنىڭ ئوت قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گۇماندارنى نازارەتكە ئېلىشنى ئويلىغانلىقىنى، نىشان قىلىنماسلىق ئۈچۈن باشقا بىر نۇقتىغا ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا گۇماندارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تەپتىش خادىمى ساقچى خادىمىنىڭ كويزا سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا ئىككىيلەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، خادىمنىڭ كېيىنرەك ياشنى سۇدىن چىقىرىپ كويزا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سولچىل «بويسۇنماس فىرانسىيە» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئانتوئىن لېئائۇمېنت (Antoine Leaument) بولسا كۆرۈنۈشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ X تە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نۇنېزنى ئەسكەرتتى.

لېئائۇمېنت مىنىستىرغا «مەسئۇلىيىتىڭىز ئاستىدىكى كىشىلەنى تەمكىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىڭ» دەپ خىتاب قىلدى.

لېئائۇمېنت: «بۇ ئارىلىشىش ئاممىۋى تەرتىپنى قوغداش قائىدىلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ھېچبىرىگە» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hundreds of French high schools shut amid growing student protests
ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە