تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دېكابىردىن بۇيان 200 مىڭ سۈرىيەلىك مۇھاجىر ئۆيلىرىگە قايتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ، قايتىپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ تېز ئېشىشقا باشلىدى» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: دېكابىردىن بۇيان 200 مىڭ سۈرىيەلىك مۇھاجىر ئۆيلىرىگە قايتتى
/ AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن يىلى 9-دېكابىردىن بۇيان تۈركىيەدىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 200  مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى «تۈركىيە يۈزيىلى» ناملىق كۆچمەنلىك مەسىلىلىرىنى باشقۇرۇش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، «تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار، توسالغۇلار ۋە بۇزغۇنچىلىقلارغا قارىماي» سۈرىيەنىڭ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «سۈرىيەنىڭ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ، قايتىپ كېلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ تېز ئېشىشقا باشلىدى» دېدى.

ئەردوغان يەنە دۈشەنبە كۈنى X [ئىلگىرىكى تۋىتتېر] سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن، بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىغان ھالدا» ۋەتىنىگە قايتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 931  مىڭ 450 كىشىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىنسانىيەت سىناقلىرىدىن بىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«دۇنيا نوپۇسىنىڭ %3.6 ى ھازىر كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ»

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 281 مىليوندىن ئارتۇق كۆچمەن بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، كۆچمەن ئىشچىلار سانىنىڭ 165 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇرۇشلارنىڭ تەسىرىدە يېقىنقى ئۈچ-تۆت يىلدا مۇھاجىرلار سانىنىڭ 120 مىليونغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «سانلىق مەلۇماتلار توقۇنۇش، زۇلۇم ياكى تېررورلۇق سەۋەبىدىن ھەر مىنۇتتا كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ %3.6 ىنىڭ ھازىر كۆچمەن سۈپىتىدە ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۇرۇشلارنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى، كىرىزىسلەرنىڭ ھەل بولماسلىقى ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ نىسبەتلەرنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە 4 مىليون سۈرىيەلىكنى كۈتۈۋالدى

«كىشىلەرنى كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللار ئاساسەن غەرب كۈچلىرىنىڭ سىياسەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىشنى [يەنى مەسئۇلىيەتنى] ئۈستىگە ئېلىشقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرەلمەيسىز» دېگەن ئەردوغان، دۇنيادىكى مۇھاجىرلارنىڭ %75 ىنىڭ باي دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى تۆۋەن ۋە ئوتتۇراھال كىرىملىك ​​دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

13 يىللىق سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى جەريانىدا، تۈركىيە تەخمىنەن 4  مىليون سۈرىيەلىك مۇھاجىرنى كۈتۈۋالدى؛ ئۇ بۇ جەھەتتە باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ مۇھاجىرنى كۈتۈۋالغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەخمىنەن 25 يىل سۈرىيەنى باشقۇرغان بەششار ئەسەد، دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتتى ۋە 1963-يىلى باشلانغان بەئس پارتىيەسىنىڭ ئون يىللارچە داۋاملاشقان ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى.

يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ئىلگىرىكى ئاساسىي قانۇن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، قوراللىق گۇرۇپپىلار، پارلامېنت ۋە بەئس پارتىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى