زېلېنسكىي ترامپ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى

زېلېنسكىي ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇچقۇ ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېخنولوگىيەلەر ھەمدە مۇداپىئە سانائىتىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ترامپ (ئوڭدا) بىلەن زېلېنسكىي (سولدا) رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي جۈمە كۈنى (4-ئىيۇل) كىيېۋدا ئامېرىكا ھەربىي ياردەملىرىنىڭ داۋاملىق يەتكۈزۈلىشى مەسىلىسىدە ئەندىشەلەر كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، ئېكس بېتىدە: «بىز ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى پۇرسەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، كۆك يۈزى تەۋەلىكىمىزنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدۇق» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئاكسىيوس (Axios) قانىلىنىڭ سۆھبەتتىن خەۋەردار نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇكرائىنالىق بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ زېلېنسكىيغا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كۈچەيگەندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا ھاۋا مۇداپىئەسى جەھەتتە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەت تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشقان.

يەنە مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ترامپ زېلېنسكىيغا ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈشى كېرەك بولغان قورال-ياراغلىرى ئىچىدە توختىتىپ قويۇلغانلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.

زېلېنسكىي ترامپ بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم ۋە سۆھبەتنىڭ ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى؛ سۆھبەتتە جەڭ مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە بىرلىكتە قورال-ياراغ ياساش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغالىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ئېكس بېتىدە ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەپ: «بىز ئۇكرائىنا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بېرىلگەن بارلىق ياردەملەردىن مىننەتدار. بۇ ياردەملەر بىزنىڭ ھاياتلىقنى، ئەركىنلىكىمىز ۋە مۇستەقىللىقىمىزنى قوغدىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز قەتلىئامنى توختىتىش، ئادىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز. ئالىيجاناب بىر تىنچلىق كېلىشىمىگە ئېھتىياجلىقمىز» دېگەن.

بىرلىكتە قورال-ياراغ ياساش تۈرلىرى تەييار

ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

زېلېنسكىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پىرېزىدېنت ترامپقا مەلۇماتلار ئىنتايىن ياخشى بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن.

ئۇ سۆھبەتتە بىرلىكتە قورال-ياراغ ياساش، مۇداپىئە سانائىتىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، بولۇپمۇ ئۇچقۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنولوگىيەلەر مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: « بىز ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە تۈرلەرگە تەييار. بۇ تۈرلەر خەۋپسىزلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

ئىككى رەھبەر يەنە، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش، ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن بولغان كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.

ترامپ-زېلېنسكىي سۆھبىتى، ترامپنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل بولمىغانلىقىدىن ئۈمىدسزىلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان تېلېفون سۆھبىتىدىن بىر كۈن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى.