سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى HRANA ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا  ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 677 گە يەتكەنلىكىنى، كەم دېگەندە 19 مىڭ 907 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
 ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى / Reuters

ئامېرىكا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى HRANA نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتكەن، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىقلار نەتىجىسىدە پارتلىغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 19 مىڭ 97 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىران دائىرىلىرى نامايىشلار جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلمىدى.

نامايىشلار 28-دېكابىر كۈنى پايتەخت تېھراندا ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر ۋە كىچىك كارخانىچىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىش تاشلاش ۋە نامايىش تەشكىللىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.

نامايىشلار نۇرغۇن شەھەرلەرگە كېڭىيىپ، ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ كەتتى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى