ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى HRANA ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2 مىڭ 677 گە يەتكەنلىكىنى، كەم دېگەندە 19 مىڭ 907 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى HRANA نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتكەن، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىقلار نەتىجىسىدە پارتلىغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا 19 مىڭ 97 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىران دائىرىلىرى نامايىشلار جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلمىدى.
نامايىشلار 28-دېكابىر كۈنى پايتەخت تېھراندا ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر ۋە كىچىك كارخانىچىلارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىش تاشلاش ۋە نامايىش تەشكىللىشى بىلەن باشلانغان ئىدى.
نامايىشلار نۇرغۇن شەھەرلەرگە كېڭىيىپ، ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ كەتتى.