تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
TCG ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 176 خادىمى بار «TCG ئۇرۇچ رەئىس» پاراخوتى خۇدسون دەرياسىغا لەڭگەر تاشلىدى؛ ئۇ 8-ئىيۇلغىچە نىيۇ يورك پورتىدا تۇرىدۇ.
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
TCG ئورۇچ رەئىس ئامېرىكىنىڭ 250-يىللىق مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلماقتا (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقى بولغان «4-ئىيۇل مۇستەقىللىق كۈنى»نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا كەلگەن تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «TCG ئۇرۇچ رەئىس» پاراخوتى خۇدسون دەرياسىغا لەڭگەر تاشلاپ، تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى.

176 خادىمى بار بۇ پاراخوت خۇدسون دەرياسىدا توختاپ، 8-ئىيۇلغىچە نىيۇ يورك پورتىدا تۇرىدۇ.

«TCG ئۇرۇچ رەئىس»نىڭ پاراخوت باشلىقى، دېڭىز ئارمىيەسى سىتاپ پولكوۋنىكى كەمال ۋارلى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «كۆك ۋەتەن»دىكى توسۇش ۋە ھەرىكەت كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن بىرى بولغان «TCG ئۇرۇچ رەئىس»نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ — يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە تېخنىكىلىرى بىلەن ئەتراپلىق زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسىنىڭ جەڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پولكوۋنىك ۋارلى، «TCG ئۇرۇچ رەئىس»نى زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ 2025-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش پائالىيىتى دائىرىسىدە، «TCG ئۇرۇچ رەئىس» ئىلغار جەڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى، يېڭى ئەۋلاد رادارلار، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئىقتىدارى، سېنزورلار، ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە قوماندانلىق-كونترول سىستېمىلىرى بىلەن جابدۇلۇپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلدى».

پولكوۋنىك ۋارلى، ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى دائىرىسىدە پىلانلانغان بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ناتو /ىچىدىكى ئاكتىپ رولىنى ۋە خەلقئارا دېڭىز بىخەتەرلىكىگە قوشقان تۆھپىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ۋە تارىخىي پاراخوتلىرى بىلەن قاتناشتى.

«TCG ئۇرۇچ رەئىس» 1997-يىلى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قورال-ياراغ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

پاراخوتنىڭ 8-ئىيۇل كۈنى نىيۇ يوركتىن دۇبلىنغا قاراپ يولغا چىقىشى پىلانلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ