سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان ۋە ئاساسەن دېگۈدەك بوش قالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى زالىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
ب د ت ئەزاسى نۇرغۇن دۆلەتلەر نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى

غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگە دۇچ كەلدى.

نېتانياھۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن زالغا كىرىپ مۇنبەرگە يۈزلەنگەندە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى بېسىۋېلىشىغا ھەمدە سۈرىيە بىلەن لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى. ۋەكىللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ زالنى تاشلاپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا، نارازىلىق سادالىرى ياڭرىدى.

2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان، نېتانياھۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم بايقۇت قىلىندى

 تۈركىيە، تۇنىس، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، سېنېگال، پاكىستان، سۇدان، ئىران ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق ئونلارچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى نېتانياھۇ مۇنبەرگە چىققان ھامان زالدىن ئايرىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىسپانىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، كۇۋەيت، ماراكەش، نىگېرىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق ئونلارچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن زالىغا ھېچ كەلمىدى. نۇرغۇن ۋەكىللەر چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، نېتانياھۇ ئاساسەن دېگۈدەك بوش قالغان زالدا نۇتىقىنى داۋاملاشتۇردى. ئومۇمىي كېڭەش زالىدىكى مېھمانلار ئورنىنى بولسا ئىسرائىلىيە تەرەپدارلىرى تولدۇرۇپ، نېتانياھۇنى ئالقىشلاپ چۇقان سالدى.

نېتانياھۇ نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى ئەتراپىدا كۈچەيتىلگەن خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلارنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش قارارىنىڭ ھازىرغىچە چىقارغان «ئەڭ ئاسان قارارلىرىدىن بىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى كۇكۇم - تالقان قىلىش تەس ئىدى، ئەمما مەن ئۈچۈن باش مىنىستىر سۈپىتىدە ھازىرغىچە چىقارغان ئەڭ ئاسان قارارلىرىمنىڭ بىرى بولدى.»

نېتانياھۇ يەنە، گولان ئېگىزلىكىنىڭ سۈرىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پىرېزىدېنت ئەھمەد شارانى نىشان قىلىپ، 1967-يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان بۇ رايوننىڭ «مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى. ئۇ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 1000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تىلغا ئالماي، بۇ ۋەقەلەرنى «بەلكىم ئىككى ياكى ئۈچ ئۆلۈم ۋەقەسى» دەپ تەسۋىرلەپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەل قارىدى.

ئۇ يەنە غەززەدە سىستېمىلىق ھالدا ئاياللار ۋە بالىلارنى نىشان قىلىپ 70 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئەخلاقلىق ئارمىيە» دەپ ئاتىدى. نۇتىقىدا نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى زوھران مامدانىنىمۇ نىشان قىلىپ، ئۆزىنى سۇكتۇرۇشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتتى. نېتانياھۇ يەنە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھەققىدە ئاساسسىز بوھتانلارنى چاپلىدى.

 نېتانياھۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئىران ۋەكىللىرى تۇرغان ئورۇندا 2020-يىلى باغداتتا ئۆلتۈرۈلگەن گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ سۈرىتى كۆرۈلدى. نېتانياھۇ ھىزبۇللاھ ھەققىدە توختالغاندا، زالدىكى ۋەكىللەرگە بىر سىگنال قوبۇللىغۇچنى كۆرسىتىپ، 2024-يىلى سېنتەبىردە لىۋاندا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئەسلەتتى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى