تۈركىيە ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ سوغۇققانلىق ۋە ئاقىلانىلىكنىڭ ساداسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
مۇرات سوفۇئوغلۇنىڭ TRT World ئۈچۈن يازغان «تۈركىيەنىڭ ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوغۇققانلىقنىڭ ساداسى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىشى» ناملىق ئانالىزى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىلگىرىكى توقۇنۇشلاردا بولغىنىدەك، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشمۇ تۈركىيەنىڭ ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ئۆزگىچە ئورنىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئانالىزچىلار ئەنقەرەنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئىقتىدارى سايىسىدا كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كەم دېگەندە 19 ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئېنېرگىيەگە باي دۆلەتلەرگە جايلاشقان. رايوندا ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلغان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىيوردانىيە ۋە ئىراق بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ ئامېرىكا بازىلىرىغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى.
ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پارس قولتۇقى شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە ئەرەب بولمىغان ناتو ئەزاسى دۆلىتى تۈركىيە بۇ ھۇجۇم دولقۇنلىرىغا دۇچ كەلمىدى. تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولسا، ئاق دېڭىزدا ناتو مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە كىرىزىسنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان تەرەپسىز كۈچ سۈپىتىدە ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن تېھرانغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رايوننىڭ بىر «ئوت چەمبىرىكىگە سۆرەپ كىرىلىشى مۇمكىنلىكى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى توقۇنۇشنى ئىمكانقەدەر تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇمىغا خەلقئارا قانۇننىڭ «ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ باھا بەردى.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىمۇ تەرەپسىز سىياسەت يۈرگۈزۈپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئەنقەرە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتەچىلىك قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاقىلانىلىكنىڭ، سوغۇققانلىقنىڭ ساداسى
ئەنقەرەدىكى ئىران تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئورال توغا بۇ ھەقتە TRT World غا بايانات بېرىپ: «تۈركىيە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ باسقۇچتىكى بىرىنچى نىشان ئۇرۇش توختىتىشتۇر. شەرت-شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ھەر ۋاقىت مۇقىملىقنى قوللايدىغان ئىستراتېگىيە يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە» دېدى.
ئۇ ئەنقەرەنىڭ شەرقىي ئافرىقادىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىچە نۇرغۇن كىرىزىس مۇھىتلىرىدا ۋاسىتەچىلىك تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئوتتۇرا شەرققە يېيىلغان ۋە ئۈچ ئوخشىمىغان كۈچ قاتناشقان ھازىرقى ئۇرۇشنىڭ كۆلىمىنىڭ تەرەپلەردىن سۆھبەتلىشىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزاسى بولۇشىغا قارىماي، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ پوزىتسىيەسىنى ساقلاش ئارقىلىق موسكۋا بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشقانىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشىدىكى رولى ئەنقەرەنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىتەرەپ ئۇسۇلنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۆزگۈر كۆربەنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ئىرانغا قارشى پوزىتسىيەدە بولۇشنى خالىمايدۇ.
«تۈركىيە كۈچلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشى بولغان بىر دۆلەت دۇچ كەلگەن تالاپەتنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولۇشنى خالىمايدۇ» دېگەن كۆربە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى TRT World بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ ئىراننىڭ ئەنقەرەگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە ئاساسەن شەكىللىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ رەسمىي باياناتلىرىنىڭمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان كۆربە، ئەنقەرەنىڭ بۇ سەۋەبتىن بىتەرەپلىكنى ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە قوللانغانلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش خەلقئارالىق كىرىزىسلاردا سۈكۈت قىلىپ تۇرماستىن، بەلكى «ئاكتىپ تەرەپسىزلىك» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
كۆربەنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە پەقەت ئۆز زېمىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان تەقدىردىلا ئۇرۇشقا قاتنىشىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ بۇنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان بىر خەتەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
كىرىزىس پەيتلىرىدىكى بىخەتەر پورت
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا قارشى پوزىتسىيەسى ۋە ۋاسىتەچىلىك تىرىشچانلىقلىرى، ئامېرىكانىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشىدىن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغىچە بولغان نۇرغۇن كىرىزىس مەزگىللىرىدە بولغىنىدەك، ئەنقەرەنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەر پورت بولۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلماقتا.
تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئەسەدتىن كېيىنكى سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى ياكى لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ رولى قاتارلىق مەسىلىلەردە سىياسىي پىكىر ئىختىلاپلىرى بولسىمۇ، ئەنقەرە بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىران رەھبەرلىرى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالاقە ئورنىتىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈرك ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى ئۆمەر ئۆزگۈلمۇ ئۆز قارىشىنى TRT World بىلەن ئورتاقلىشىپ: «ئىراننىڭ تۈركىيەگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوق. بۇنداق بىر قەدەم بولۇپمۇ ئۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى نۇقتىسىدىن ئىران ئۈچۈن ئېغىر خاتالىق بولىدۇ» دېدى.
توغامۇ تۈركىيەنىڭ توقۇنۇشتىن يىراق بىخەتەر پورت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا، يېمەكلىك ئىمپورتىغا ۋە ساياھەت كىرىمىگە زور دەرىجىدە تايىنىدىغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ناھايىتى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. ئىراننىڭ ھۆرمۇز بوغۇزىنى رەسمىي تاقىۋېلىشى ئېنېرگىيە توشۇش ئىشلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە توختىتىپ قويدى.
ئۆزگۈرنىڭ پىكىرىچە، تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك كىرىزىسلارغا تۇتقان «ئادىل پوزىتسىيەسى» ھەم ئىران ھەم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدىكەن.
ئۆزگۈر سۆزىنى: «تۈركىيە ھەم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەم ئىران ئۈچۈن بىخەتەر پورت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.