ھاۋانا: ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا 32 كۇبالىق جەڭچى ئۆلتۈرۈلدى

ھاۋانا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كۇبالىق جەڭچىلەر ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

By
Cuba's President delivers a speech as he flutters a Venezuelan national flag in support of Nicolas Maduro in Havana on January 3 2026 [FILE]. / AFP

كۇبا تەرەپ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن قىلىنغان «كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم» دەپ ئاتاۋاتقان ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ 32 جەڭچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز-كانېل يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئۆز ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلغان ۋە كۇبانىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خەلقئارالىق ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلىپ «مۇستەھكەم قارشىلىق» كۆرسەتكەن جەڭچىلەرنى ئەسلەش ئۈچۈن، 5- ۋە 6-يانۋار كۈنلىرىنى مىللىي ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كۇبا ھۆكۈمىتى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئاستىدا ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كۇبا ئىنقىلابىي قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلامۇ شېھىت بولغان جەڭچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى. كاراكاس ھۆكۈمىتى: «ھەمكارلىق ۋە مۇداپىئە ۋەزىپىلىرى دائىرىسىدە خىزمەت ئۆتەۋېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان 32 كۇبالىق جەڭچىگە ئالىي ئېھتىرامىمىزنى يوللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شەنبە كۈنىدىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇم جەريانىدا مادۇرونى قوغداشقا مەسئۇل نۇرغۇن كۇبالىق بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

شەنبە كۈنى كېچىدە نىيۇيوركقا ئېلىپ بېرىلغان مادورو ۋە رەپىقىسى سىلىيا فلورېس نۆۋەتتە برۇكلىندىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئامېرىكا دائىرىلىرى مەزكۇر ئەر-ئايالنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن شايكىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن سوتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مادورو بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسا، ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتنى قانۇنسىز ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەپ سۈپەتلەپ، مادورو ۋە رەپىقىسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.