ھىندىستان ئامېرىكانىڭ تاموژنا باجلىرىغا قارشى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى.
يېڭى دېھلى يەر شارى سودا ئۇرۇشى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، بازارنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورت قىلغۇچىلارنى ئۆرلەۋاتقان تاموژنا بېجى بېسىمىدىن قوغداش ئۈچۈن، شېرىك دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈش قەدىمىنى تېزلەتتى.
ھىندىستان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ۋە يەر شارى سودىسىدىكى مۇجىمەللىكلەر كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئېكسپورت مەنزىلىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بىر قانچە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش قەدىمىنى تېزلەتتى.
تەپسىلاتلار تېخى ئاشكارىلانمىغانلىقى ئۈچۈن نام-شەرىپىنى بىلدۈرۈشنى خالىمىغان ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى دېھلى ياۋروپا ئىتتىپاقى، يېڭى زېلاندىيە ۋە چىلى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ دائىرىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تۇنجى كېلىشىمنى ئومان بىلەن ئىمزالاش كۈتۈلمەكتە.
ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، باش مىنىستىر نارېندرا مودى پەيشەنبە (2025-يىلى 18-دېكابىر) كۈنى «ھىندىستان-ئومان ئەركىن سودا كېلىشىمى» (FTA) ئىمزالانغاندا ئوماننىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارىدىكەن.
بۇ كېلىشىم ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھىندىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، دورىگەرلىك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەركىن سودا كېلىشىملىرى ھىندىستاننىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىش، ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىنى كۈچەيتىش ۋە سىجىل خىزمەت پۇرسىتى يارىتىشنى نىشان قىلغان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلگەن ۋە سودا قائىدىلىرى ئېنىق بەلگىلەنگەن بۇ كېلىشىملەر، ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە يېڭى بازارلارغا كىرىشىگە پايدىلىق.
يەر شارى سودىسى بارغانسېرى تاموژنا بېجى تالاش-تارتىشلىرى ۋە جۇغراپىيەۋى-سىياسىي جىددىيچىلىكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان تېخىمۇ كەڭ سودا كېلىشىملىرى تورىنىڭ، تاشقى زەربىلەرنى پەسەيتىشكە ۋە ئېكسپورت نىشانلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ كېلىشىملەر، ھىندىستان ئېكسپورتچىلىرى ئاۋغۇست ئېيى (2025) دا يولغا قويۇلغان ئامېرىكانىڭ %50 لىك يۇقىرى ئىمپورت تاموژنا بېجى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن پەيتكە توغرا كەلدى. گەرچە ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىملىرى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان بولسىمۇ، تاموژنا بېجى توقۇمىچىلىق، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، مېتال ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى.
سودا ئانالىزچىسى ئاجاي سىرىۋاستاۋا مۇنداق دېدى: «ھىندىستان ئېنىقكى ئەركىن سودا كېلىشىملىرىنى ئېكسپورت بازارلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى ھەم مۇجىمەل تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك قورال قىلىپ پايدىلىنىۋاتىدۇ.»
سىرىۋاستاۋانىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ جەمئىي 26 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە باشقا 26 دۆلەت بىلەن ئالتە سودىدا ئېتىبار بېرىش كېلىشىمى بار بولۇپ، يەنە 50 تىن ئارتۇق شېرىك دۆلەت بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتىكى سۆھبەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھىندىستان خىتايدىن باشقا بارلىق ئاساسلىق يەر شارى ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى بىلەن دېگۈدەك سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولىدۇ.»
ئىجابىي ئىلگىرىلەش
ھىندىستان يېقىنقى يىللاردا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ئەتراپلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاپ، ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ماي ئېيى (2025) دا ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئەركىن سودا كېلىشىمى (FTA) ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كېلىشىم ھىندىستانغا توشۇلىدىغان شوتلاندىيە ۋىسكىسى ۋە ئىنگلىز جىن (gin) ھارىقى، شۇنداقلا ئەنگلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ھىندىستان يېمەك-ئىچمەكلىرى ۋە تېتىتقۇلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.
ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى كېلىشىملەر سۆھبەتلەرنى تېزلىتىش ۋە كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئېنىق رامكىلارنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۈچەيتكەن.
سودا كاتىپى راجېش ئاگارۋال (Rajesh Agarwal) بۇ ھەپتە مۇخبىرلارغا: «يەر شارى سودىسىدا خىرىسلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستان بىر قانچە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتىدۇ. مەن كېلەر يىلى بۇلارنىڭ بىر قانچىسىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
گەرچە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا بولغان بولسىمۇ، خىرىسلار يەنىلا مەۋجۇت؛ چۈنكى ھىندىستان سۆھبەت ۋەكىللىرى كىچىك دېھقانلار ۋە يەرلىك كەسىپلەرنى قوغداش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. سودا شېرىكلىرى بولسا، تېخىمۇ چوڭ بازارغا كىرىش پۇرسىتى تەلەپ قىلماقتا.
ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا 2025-يىلىنىڭ كۈز پەسلىگىچە ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىنىڭ تۇنجى قىسمىنى تاماملاشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئېتىبار باھادىكى رۇسىيە خام نېفىتىنى ئۈزلۈكسىز سېتىۋېلىشى سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىپ، بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى. ۋاشىنگتون ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنىڭ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
يېقىنقى ھەپتىلەردە ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. مودى ترامپنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىنچلىق پىلانىنى ئالقىشلىدى. ئىككى رەھبەر يېقىندا تېلېفون ئارقىلىق سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ياردەمچىسى رىك سىۋىتزېر (Rick Switzer) باشچىلىقىدىكى سۆھبەت ۋەكىللىرى ئۆتكەن ھەپتە يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەكىللەر ھىندىستان-ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
يېڭى زېلاندىيە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى تود ماككلېي (ToddMcClay) ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستانلىق مەنسەپدېشى پىيۇش گويال (Piyush Goyal) بىلەن كۆرۈشتى. گويال ئېكس (X) تە ئۇلارنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىسسارى ماروس سېفچوۋىچمۇ ئۆتكەن ھەپتە گويال بىلەن كۆرۈشۈپ، ھىندىستان-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.