خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
تېھران دائىرىلىرى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسلامئابادتىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئىراننىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ھەرىكەتلىرى ئىسلامئابادتا پۈتۈشۈش ئالدىدىكى كېلىشىمنى بۇزغان. (سۈرەت: ھۆججەت) / Reuters

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق» دېدى. ئۇ تەرەپلەرنىڭ ئىسلامئاباد ئۆزئارا چۈشىنىش رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىغا ناھايىتى ئاز قالغاندا ئامېرىكانىڭ <ھەممىگە ئېرىشىش تەلەپلىرى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان شەرتلىرى ۋە قورشاۋى>غا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە: «سەمىمىيەتكە سەمىمىيەت بىلەن جاۋاب بېرىلىدۇ، دۈشمەنلىك بولسا دۈشمەنلىك ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ باياناتلار ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ (CENTCOM) دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىران پورتلىرىنى دېڭىزدىن قورشاۋغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر قورشاۋ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئىران سىرتىدىكى پورتلارغا بارىدىغان پاراخوتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

بۇ تەرەققىياتلار ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلۈپ ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمايلا ئاخىرلاشقان ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىدىن كېيىن يۈز بەردى. پاكىستاننىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت، نۇرغۇن قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەكلىپلەردىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى. ئىككى تەرەپ مۇھىم پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلالمايلا ئۈستەلدىن ئايرىلدى ۋە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىققا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سۆھبەتلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى