ب د ت ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ھېچقانداق قانۇن - بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلماي ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ب د ت ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى / TRT Uyghur

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتچىلىرىدىن تلالېڭ، موفوكېڭ ۋە فرانچېسكا ئالبانېسې يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساغلاملىق سىستېمىسى ۋە مۇئەسسەسەلىرى قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بىر قىسمى» دەپ تەرىپلىدى.

دوكلاتچىلار باياناتىدا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ جىنايەتلىرى ئۈچۈن چوقۇم ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساغلاملىق مۇئەسسەسەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۈگۈن جىددىي يىغىن چاقىرىدىكەن.