سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىشنى پىلانلىماقتا
بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشنى توختىتىش ۋە ھىزبۇللاھقا بېسىم ئىشلىتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىشنى پىلانلىماقتا
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىشنى پىلانلىماقتا / Reuters

 ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ راكېتامىيۇت ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى يېزا لىنىيەسىنى بېسىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

12-قانالنىڭ خەۋىرىدە، سىياسىي دائىرىلەرنىڭ لىۋاندىكى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئېتىلغان دەپ قارالغان ھەرقانداق رايوننى ئارمىيەنىڭ «كېيىنكى بۇيرۇققىچە» بېسىۋېلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە خەلققە تەھدىت سالىدىغان بارلىق رايونلارنى، بولۇپمۇ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنچى يېزا لىنىيەسىنى كونترول قىلىشنى نىشان قىلماقتا.»

خەۋەردە، بۇلارنىڭ قايسى يېزىلار ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2024-يىلى نويابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ھىزبۇللاھ بىلەن چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردە پۈتۈن لىۋاندا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇردى.

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2-مارتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 968 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2432 كىشى يارىلانغان.

نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەت 28-فېۋرالدىن بۇيان تەخمىنەن 1300 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ھەرىكىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.

تېھران ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا «ئامېرىكانىڭ ھەربىي مال-مۈلۈكلىرى» نى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى