ئىران جەنۋە سۆھبىتىدىن ئىلگىرى ئومانلىق مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا بىر پىلان لايىھەسى سۇندى
ئىران بىلەن ئامېرىكا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ۋاسىتىلىك يادرو سۆھبىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.
ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەسىلىگە بولغان «سەمىمىيىتىنى» سىناش ئۈچۈن بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت ئۈچۈن ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولغان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئىرنا» (IRNA)، پىلان لايىھەسىنىڭ ئومانلىق مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپكە سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:
«ئىككى تەرەپ يېڭى ۋە ھالقىلىق سۆھبەت باسقۇچىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ تەكلىپنى رەت قىلىش ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىيەگە ھەقىقىي سادىق ئەمەسلىكى ۋە دىپلوماتىك پوزىتسىيەسىنىڭ پەقەت بىر ئويۇندىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىگە بولغان گۇماننى جەزملەشتۈرۈش دېگەنلىك بولىدۇ.»
بىراق تەكلىپنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلانمىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئۇنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى مەجىد تەختى راۋانچى ۋە يادرو، قانۇن ھەمدە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە چارشەنبە كۈنى كەچتە جەنۋەگە يېتىپ باردى.
ئاراقچى جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، سۆھبەتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئامېرىكا تەرەپكە سۇنۇلىدىغان لايىھە تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەييىد بەدر ئەلبۇسەيدى بىلەن كۆرۈشتى.
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاراقچى كۆرۈشۈش جەريانىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن «قارشى تەرەپنىڭ سەمىمىي بولۇشى» ۋە «زىددىيەتلىك ھەرىكەت ھەم پوزىتسىيەلەردىن» ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاراقچى بىلەن ئەلبۇسەيدىنىڭ ئىراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە سۇنىدىغان قاراش ۋە تەكلىپلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلبۇسەيدى دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان دىيالوگنى قوللاش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.
پىلان لايىھەسى ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى سۆھبەت باسقۇچىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئاساسلىق پرىنسىپلىرىغا تايانماقتا.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ۋىتكوف پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە جەنۋەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە ئىراننىڭ لايىھەسىنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئاراقچى جەنۋەگە يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، ئىراننىڭ جەنۋەدە «ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادىل ۋە تەڭ ھوقۇقلۇق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىسى بىلەن» سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
يېڭى سۆھبەت باسقۇچىنىڭ ئوماننىڭ مەسقەت شەھىرىدە ۋە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى سۆھبەتتە ھاسىل قىلىنغان «بىردەكلىكلەر» گە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى، بۇنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
17-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆھبەت باسقۇچىدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئاساسلىق پرىنسىپلاردا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى.
تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك يادرو سۆھبىتى، ئامېرىكا پارىس قولتۇقى رايونىغا زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچ يۆتكىگەن ۋە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى (IRGC) بىر يۈرۈش مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلمەكتە.