سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئارمىيەسى شەرقىي تىنچ ئوكياندا بىر پاراخوتقا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇم بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 گە يېقىنلاشتى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى شەرقىي تىنچ ئوكياندا بىر پاراخوتقا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئارمىيەسى شەرقىي تىنچ ئوكياندا بىر پاراخوتقا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشىنى ئۆلتۈردى / Reuters

ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پاراخوتقا قىلىنغان ھۇجۇمدا تۆت نەپەر «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان» بىر «تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر پاراخوتقا ھالاكەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا: «جەمئىي تۆت نەپەر ئەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى، ھېچبىر ئامېرىكا ئەسكىرى زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېيىلدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكانىڭ كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 99 غا يەتتى. ئامېرىكا سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋېنېزۇئېلا دېڭىز قىرغاقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەپتە كاراكاسقا بارىدىغان ۋە ئۇ يەردىن قايتىدىغان، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نېفىت پاراخوتلىرى ئۈچۈن قامال ئېلان قىلدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىنمۇ بەكرەك ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇروغا بولغان بېسىمنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىراننىڭ  ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىيوردانىيەدىكى بىرنەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانى زىيانغا ئۇچرىدى
ترامپ – پۇتىن سۆھبىتىدىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلدى
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار
بولىۋىيەدىكى بىر ھەربىي  لاگېردا پارتلاش يۈز بەردى
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلاندى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىنى «ئەرزىمەس كىچىك ئىش» دەپ ئاتىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
نېتانياھۇ: ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئىران ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاش
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى