خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن يېڭى دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى قۇردى
ئىران مەملىكەتلىك ئالىي بىخەتەرلىك كېڭىشى باش كاتىباتلىقى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە پىلانلىرىغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن يېڭى دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى قۇردى
/ Reuters

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئورگىنى 6-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن ۋە ئىران ئۈچۈن 1980-يىللاردىكى ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ھەربىي خىرىس ھېسابلىنىدىغان قىسقا مۇددەتلىك توقۇنۇشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان.

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىران مەملىكەتلىك ئالىي بىخەتەرلىك كېڭىشى باش كاتىباتلىقى: «يېڭى مۇداپىئە ئورگىنى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە پىلانلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى مەركەزلىك ھالدا ئاشۇرىدۇ» دېگەن.

مۇداپىئە كېڭىشى ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىياننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ھەرقايسى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئالاقىدار مىنىستىرلىقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىللىنىدىكەن.

ئىران باش ئىشتاب باشلىقى ئەمىر خاتەمى يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ تەھدىتلەرگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە 13-ئىيۇن ئىرانغا قارىتا سەۋەبسىز ھۇجۇملارنى قوزغاپ، قىسقا مۇددەتلىك توقۇنۇشنى باشلىغانىدى. ئىران بولسا ئىسرائىلىيەگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ھۇجۇملار بىلەن جاۋاب قايتۇرغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىش 24-ئىيۇندىن بۇيان ئىجرا قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ