سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئىران مەسىلىسىدە «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كە چاقىردى
تېھران ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئىران مەسىلىسىدە «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كە چاقىردى.
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى ئىران مەسىلىسىدە «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كە چاقىردى
US Homeland Security Secretary Kristi Noem visits Jerusalem / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئىران مەسىلىسىدە «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كە چاقىردى.

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىستى نوئېم نېتانياھۇغا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇساپىنىڭ داۋاملىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى  كىرىستى نوئېم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتلىرى ھەققىدە سەمىمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

نوئېم «‹Fox News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ «فوكس ۋە دوستلار» پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنت ترامپ مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ، باش مىنىستىر بىلەن بۇ سۆھبەتلەرنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى ۋە مۇساپىنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى.

سۆھبەت ئىنتايىن سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.»

نوئېم بۇ سۆزلەرنى ئىران ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رىمدا بەشىنچى قېتىملىق سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە چەكلىك بولسىمۇ بەزى ئىلگىرىلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن قىلدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن بولغان يادرو سۆھبىتىدە «مۇھىم ئىلگىرىلەش» ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Oman says next round of US-Iran nuclear talks to take place in Rome

 ئىران يادرو كېلىشىمىنى رەت قىلماقتا

 ئىلگىرى ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ۋاسىتىلىك يادرو سۆھبەتلىرى جەريانىدا ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىق كېلىشىمنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغانىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل باقائى تېھراندا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى تىنچلىق نىيىتىدە داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، بۇ مۇمكىن. بىز ھەرگىزمۇ ھەربىي يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنمىدۇق.

ئەگەر مەقسەت ئىراننى تۆۋەن سەۋىيەدە ئوران قويۇلدۇرۇشتەك ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش بولسا، بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز.»

باياناتچى يەنە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يىلغىچە ئوران قويۇلدۇرۇشىنى توختىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ رەت قىلىپ، سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەرگىزمۇ بۇنداق بىر ئىشنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئومان ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلماقتا. ئۆتكەن ئايدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن بەش قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۈچى مەسقاتتا ئۆتكۈزۈلدى.

2018-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىران بىلەن دۇنياۋى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا 2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىقارغان ترامپ، ھازىر «تېخىمۇ ياخشى» بىر كېلىشىم ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»