ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن

ترامپ ۋاشىنگتون كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم ياكى ھەربىي ھەرىكەت  پىلانى توغرىسىدا ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، «ئالدىمىزدا مۇھىم كۈنلەر» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر بولسا چوڭ بىر مۇرەسسە ئۈچۈن  بېسىم ئىشلەتمەكتە.

By
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، توقۇنۇشتىكى «ھالقىلىق بىر پەيت» دەپ تەسۋىرلەنگەن باسقۇچنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ABC News مۇخبىرى جوناتان كارلنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش زۆرۈر دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «ئالدىمىزدا ئاجايىپ ئىككى كۈن بار» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق، زور بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشى ياكى جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە بولغان پەرەزلەرنى كۈچەيتتى.

ترامپ توقۇنۇشنىڭ يا مۇزاكىرە ئارقىلىق ياكى ئىراننىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كېلىشىمنى ئەۋزەل دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئۇرۇش ھەر ئىككى خىل شەكىلدە ئاخىرلىشىشى مۇمكىن، ئەمما مېنىڭچە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇلار دۆلىتىنى قايتا قۇرالايدۇ. ھەقىقەتەن ھازىر ئۇلارنىڭ باشقىچە بىر ھاكىمىيىتى بار. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز رادىكاللارنى يوقاتتۇق، ئۇلار كەتتى، ئەمدى بىز بىلەن بىرگە ئەمەس.»

دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى رولى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، دۇنيانىڭ تېخىمۇ ناچار ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«چوڭ كېلىشىم»

بۇ باياناتلار ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىك نەتىجىگە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ چەكلىك بىر كېلىشىمنىڭ ئورنىغا كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم تۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ نۆۋەتتىكى مۇزاكىرەلەرنى شەنبە كۈنى ئىسلامابادتا ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىۋاسىتە سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن، سەككىز كۈنگە يېقىنلاشقان ئاساسىي ئاجىز بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ بىر ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىدى.

ۋانس ترامپنىڭ «چوڭ كېلىشىم» ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئىران «نورمال بىر دۆلەت» تەك ھەرىكەت قىلسا، ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن نورماللىشىش تەكلىپى سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.