سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا 2 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان يېڭى ھۇجۇمىدا 2 كىشىنى ئۆلتۈردى، 10 كىشىنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا 2 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋاننىڭ جەنۇبىدا 2 كىشىنى ئۆلتۈردى / AFP

بۇ ھۇجۇم، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىر ئائىلىدىن تۆت كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاز 29 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە 42 كىشىنىڭ يارىلىنىشىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.

لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ جۈمە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان يېڭى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلگەن، 10 كىشى يارلانغان.

ئاگېنتلىقنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم نەباتىيە ئەل-فەۋقە  يېزىسىنى نىشان قىلغان ۋە ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا - قىشلاقلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر ئائىلىدىن تۆت كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئاز 29 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 42 كىشى يارلانغان ئىدى.

 ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان لىۋاندا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ھۇجۇملاردا تەخمىنەن 2600 كىشى ئۆلدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.

17-ئاپرېل باشلانغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى كېيىنچە 17-مايغىچە ئۇزارتىلدى. لېكىن ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە ئۆي - ماكانلارنى ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەر كۈنى خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى