سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۇ توسمىسى مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى
ئامېرىكا پىرىزېدېنتى ئۆزىنىڭ مىسىرغا ئېفىيوپىيەنىڭ غايەت زور سۇ توسمىسى توغرىسىدا دىپلوماتىيەنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئىتتىپاقدىشى سىسىنى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشتا ئوينىغان رولى ئۈچۈن ماختىدى.
ترامپ مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۇ توسمىسى مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى
ئېفىيوپىيەنىڭ نىل دەرياسىدىكى سۇ ئېلېكتىر توسمىسى مىسىرنى ئەنسىرەتمەكتە، رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرىزېدېنتى دونالد ترامپ مىسىرغا قاھىرەنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان غايەت زور سۇ توسمىسىدىن سۇ تەقسىملەش مەسىلىسىدە ئېفىيوپىيەگە بېسىم قىلىش ئۈچۈن، دىپلوماتىيەنى قايتا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، مىسىرنىڭ مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشىنى بومباردىمان قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشقا ۋاسىتىچىلىق قىلغان ئىتتىپاقدىشى، مىسىر پىرىزېدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەل سىسىنى ماختاش بىلەن بىرگە، مۇرەسسە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان، سىسىغا يازغان خېتىدە ترامپ مۇنداق دېدى: «مەن مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىكىنى قايتا باشلاپ، <نىل دەرياسىنىڭ سۇ تەقسىماتى> مەسىلىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىشقا تەييارمەن.»

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا بۇ رايوندىكى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ نىل دەرياسىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا كونترول قىلىۋالماسلىقى ۋە بۇ جەرياندا قوشنا دۆلەتلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئېفىيوپىيە بۈيۈك گۈللىنىش توسمىسى (GERD) <كۈنتەرتىپىمدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە> بولىدۇ» دېدى.

ئۇ مىسىر ۋە سۇداننى مۇقىم سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان، شۇنداقلا ئېفىيوپىيەنىڭ تۆۋەن ئېقىندىكى بۇ ئىككى دۆلەتكە ئېلېكتر سېتىشى ياكى بېرىشىنى مۇمكىن قىلىدىغان بىر پىلاننىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېفىيوپىيە باش ۋەزىرى ئابىي ئەھمەت 2025-يىلى سېنتەبىردە ئافرىقادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتر تۈرى بولغان ۋە 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان، ئېفىيوپىيەنىڭ ھازىرقى توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرىدىغان «بۈيۈك گۈللىنىش توسمىسى» نى ئىشقا كىرىشتۈردى.

مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى بۇ توسمىنى مەۋجۇتلۇققا تەھدىت دەپ ئاتىدى، چۈنكى سۇ قىس مىسىر سۇ ئېھتىياجىنىڭ %97 ىنى نىل دەرياسىغا تايىنىپ ھەل قىلىدۇ.

ئۆتكەن ئون يىلدا، ئامېرىكا، دۇنيا بانكاسى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئېفىيوپىيەدە ئىپتىخارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان بۇ توسما ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇرەسسە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز قالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Egypt, Sudan say Ethiopia's Nile dam represents a 'threat'

نىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى تالىشىش

ئۇزۇنلۇقى 6650 كىلومېتىر كېلىدىغان نىل دەرياسى رىۋاندا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە، ئېفىيوپىيە، ئېرىترىيە، جەنۇبىي سۇدان، سۇدان ۋە مىسىر قاتارلىق 11 دۆلەتتىن ئۆتىدۇ.

مىسىر كۆپ خىل ئامىللار، بولۇپمۇ كىلىمات كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئېغىر سۇ قىسلىقى كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. مىسىر سۇ مەنبەسىنىڭ %90 تىن ئارتۇقى نىل دەرياسىدىن كېلىدۇ.

مىسىر بىلەن سۇدان تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەر بولۇپ، نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز ھېسابلىنىدۇ.

ئېفىيوپىيە بولسا، ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن بۇ توسمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Why Egypt and Sudan fear Ethiopia’s dam could threaten their water supply?
ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى