ھۇجۇمدا ئارىسىدا دوختۇر رىزىق ئەبۇ شۇئايرامۇ بولغان سەھىيە خادىملىرى، بىمارلار ۋە بىمار يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا؛ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقان سەھىيە خادىملىرىنىڭ تۇرۇشلۇق بىر سەھىيە ئورگىنىنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ سەھىيە سىستېمىسىغا قىلىنغان ۋەھشىيانە ھۇجۇم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، دوختۇرخانىنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ، سەھىيە ئورگانلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە بىمارلارنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
غەززەدە سەھىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز نىشان قىلىنىشىنىڭ بىمار ۋە يارىدارلار تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى تەرەپكە دىققەتلەر تارتىلغان باياناتتا، رايوندىكى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى سەۋەبىدىن سەھىيە سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقى ئىپادىلەندى.
باياناتتا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتكە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، دوختۇرخانىلارنىڭ، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ۋە بىمارلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلىندى شۇنداقلا ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى ۋە جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىگە جايلاشقان ناسىر دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 6 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك ھۇجۇملىرىدا سەھىيە سىستېمىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ۋە كىلىنىكىلارنىڭ كۆپىنچىسى نىشان قىلىنىپ مۇلازىمەتتىن توختاپ قالغان بولسا، دورا، يېقىلغۇ ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ كىرىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن سەھىيە ئورگانلىرى رايون خەلقىگە يېتەرلىك سەۋىيەدە مۇلازىمەت قىلالمايۋاتىدۇ.





















