ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران يادرو سۆھبىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تولۇق كاپالەت تەلەپ قىلماقتا
ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى دۆلىتىنىڭ يادرو پىلانىغا قارىتا مەيدانىنىڭ قەتئىيلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، بۇنى «مىللىي غۇرۇر ۋە شان-شەرەپ مەسىلىسى» دەپ ئاتىدى ھەمدە تېھران «يادرو پىروگراممىسىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەزمەيدۇ» دېدى.
ئىران يادرو سۆھبىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تولۇق كاپالەت تەلەپ قىلماقتا
Abbas Araghchi’s comments come amid ongoing diplomatic exchanges following a 12-day conflict. (Photo: AA) / AA

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى يادرو سۆھبەتلىرىنىڭ قايتا باشلىنىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ تېھرانغا قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق كاپالەت بېرىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاراقچى سەيشەنبە كۈنى  «‹CBS News› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«سۆھبەتلەرنىڭ دەرھال قايتا باشلىنىشىنى كۈتمەيمەن. سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكانىڭ سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا بىزگە ھەربىي ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىغا قارىتا كاپالەت بېرىشىگە ئېھتىياجىمىز بار. بارلىق ئامىللارنى ئويلاشقاندا، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا ئېھتىياجىمىز بار.»

 بۇ باياناتلار، رايوننى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش گىردابىغا ئىتتىرىش بوسۇغىسىغا  ئېلىپ كەلگەن 12 كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك ئالاقىلەر جەريانىدا ئېلان قىلىندى.

ئاقساراي دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف بىلەن ئىران دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يۆنىلىشىدە  ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش توغرىسىدا سىگنال بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump exaggerated impact of US strikes: Khamenei

 «مىللىي غۇرۇر ۋە شان - شەرەپ مەسىلىسى»

 

ئاراقچى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە مەيدانىنىڭ قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، بۇنى «مىللىي غۇرۇر ۋە شان - شەرەپ مەسىلىسى» دەپ ئاتىدى، ھەمدە تېھراننىڭ «بۇنىڭدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى» نى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ يېقىنقى توقۇنۇشلار جەريانىدا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ 12 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا ھاكىمىيىتىمىزنى قوغدىيالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىدۇق. ئەگەر ھۇجۇملار قايتا باشلانسا، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.»

توقۇنۇش 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران چىگراسى ئىچىدىكى ھەربىي، يادرو ۋە پۇقراۋى نىشانلارنى بومباردىمان قىلىشى بىلەن باشلاندى. ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 935 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5300 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - At least 935 people killed in Israeli attacks during 12-day conflict: Iran

ئىران ئىسرائىلىيەدىن ئىنتقام ئېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەدىكى مەلۇم نۇقتىلارغا  باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. قۇددۇس ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 29 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

كرىزىس ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھاندىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. دەرۋەقە، بۇ كىرىزىسنىڭ توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئەندىشىلىرى كۈچەيدى.

ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى  6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، توقۇنۇشلارغا ۋاقىتلىق خاتىمە بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى
CNN: ئىران ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسى زىيانغا ئۇچرىدى
مودى مۇھىم ئىشتاتلاردىكى سايلام بېلەتلىرىنى ساناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇھىم بىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە
ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىدا «ئەركىنلىك تۈرى»نى يولغا قويۇپ، بىتەرەپ پاراخوتلارنى قوغداشنى باشلىدى
مېرز: ئەسكەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا قارىماي گېرمانىيە ئامېرىكانىڭ «مۇھىم شېرىكى» بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا ئىران پاراخوتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى ئىرانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قايتىدىن باشلاشنى مۇزاكىرە قىلماقتا
ب د ت دوكلاتچىسى 'ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيەلىشىشى' گە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەر سانىنى «5000 دىنمۇ كۆپ» ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئامېرىكاغا 1 ئاي مۆھلەت بەردى
رۇسىيەنىڭ خېرسونغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلدى
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەننىڭ قۇددۇستىكى كاتېدرالغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشى نارازىلىق قوزغىدى
فرانسىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ راھىبىگە قىلغان "نومۇسسىزلارچە" ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ترامپ: ئىراننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمايمەن