تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
خاقان فىدان تۈركىيە-ئەزەربايجان-گىرۇزىيە ئۈچ تەرەپلىمىلىك مېخانىزمىنىڭ جەنۇبىي كاۋكازدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئوتتۇرا كارىدور، ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى» دېدى.
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئەزەربايجان-گىرۇزىيە ئۈچ تەرەپلىمىلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورتاق مەتبۇئات يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

خاقان فىدان يىغىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا مۇستەھكەم ئاساس ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ پەقەت تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايون تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ھالقىلىق بىر رولنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاقان فىدان دۇنيانىڭ جۇغراپىيەلىك-سىياسىي داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان قىيىن بىر دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىمىز؛ ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرىدە تېخىمۇ بىر گەۋدىلەشكەن بىر رايون قۇرۇپ چىقىشتۇر. بۇ بىر گەۋدىلىشىش، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ تېز ۋە ئالدىن كۆرگىلى بولىدىغان بىر ئۆتۈش لىنىيەسى شەكىللەندۈرۈش نۇقتىسىدىنمۇ ئايرىم بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ نىشاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە يېتىپ كەلگەن ئەڭ ئېنىق ئەمەلىي نۇقتىسى، ئوتتۇرا كارىدورنىڭ كۈچىيىۋاتقان رولىدۇر. ئوتتۇرا كارىدور، ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ رامكا دائىرىسىدە باكۇ-تىفلىس-قارس تۆمۈر يول لىنىيەسىنىڭ تولۇق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئىيۇن كۈنى لىنىيەنىڭ گىرۇزىيە بۆلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئىنتايىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك لىنىيەدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىپ، رايونىمىزغا تېخىمۇ كۆپ قوشۇمچە قىممەت يارىتىشنى نىشانلاۋاتىمىز»

مىنىستىر فىدان، ئەزەربايجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «سۆھبەتلىرىمىزدە يەنە، جەنۇبىي كاۋكازدا مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى سەمىمىي ۋە ئىجابىي ھەمكارلىق ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكى يۆنىلىشىدىكى ئورتاق چۈشەنچىمىزنى پۈتۈنلەي بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردۇق. رايونىمىزنىڭ توقۇنۇشلارنىڭ ئورنىغا تەرەققىيات پىلانلىرى بىلەن، ئايرىلىشلارنىڭ ئورنىغا ئورتاق پاراۋانلىق ۋە باغلىنىشچان لايىھەلىرى بىلەن تىلغا ئېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ۋە بۇ يۆنىلىشتە جىددىي خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز. بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى بېشارىتىنى ئەزەربايجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز