خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتىخاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن قىبرىس، سۈرىيە ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى / َAA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئارىلىنى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتىدە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يەكشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاقان فىدان بىلەن گۇتېررېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە ۋە قىبرىس ئارىلىغا قىلىدىغان زىيارەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن رايونلۇق ئۆزگىرىشلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي دوكلاتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ كېيىنكى كۈنلىرىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە قىبرىسقا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «باش كاتىپ ياخشى نىيەت ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمى ۋە قىبرىس مەسىلىسىگە بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتىنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە 27-29-ئىيۇل كۈنلىرى قىبرىسقا بارىدۇ» دەپ بايانات بەردى.

گۇتېررېسنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۇفان ئەرھۈرمان ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس خرىستودۇلىدىس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇجاررىك، باش كاتىپنىڭ يەنە باشقا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىبرىستا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسمى (UNFICYP) نىڭ نەق مەيداندىكى خىزمەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە ئارالدىكى مۇقىملىقنى قوللاش تەشەببۇسلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»