ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رېشاتكا ئارقىسىدا تەسۋىرلەنگەن ۋە ئۈستىگە «ترامپنى ئۆلتۈرىمىز» دەپ يېزىلغان چوڭ بىر پىلاكات ئېسىلدى.
تېھراننىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئىنقىلاب مەيدانىغا ئېسىلغان چوڭ پىلاكاتتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ سىمۋوللۇق ھالدا تۆمۈر رېشاتكىلار ئارقىسىدا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، پىلاكات ئۈستىگە ئىنگلىزچە ۋە پارسچە قىلىپ «ترامپنى ئۆلتۈرىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.
مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا ترامپ، ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇلارنىڭ ماغدۇرسىزلانغان ۋە كىيىملىرى يىرتىلغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىندى. مەزكۇر رەسىمدە كۆيدۈرۈلگەن ۋە يىرتىلغان ئامېرىكا ھەمدە ئىسرائىلىيە بايراقلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.
مەيدانغا يىغىلغان تەخمىنەن 500 كىشى بولسا كىچىك كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئىران ۋە ھىزبۇللاھ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شۇئارلارنى توۋلىدى. بەزى نامايىشچىلار ترامپنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتلارنى دەسسەپ چەيلىدى. نامايىشقا قاتناشقان بەزى كىشىلەرنىڭ ئاق كېپەن كىيگەنلىكى كۆرۈلدى.

















