سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران پىرېزىدېنتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش يوليورۇقى چۈشۈردى
مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزەشكىيان، ھۆكۈمەتنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇنغا ئىمزا قويغان.
ئىران پىرېزىدېنتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش يوليورۇقى چۈشۈردى
/ AP

ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان چارشەنبە كۈنى دۆلىتىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەرنى ئىراننىڭ رەسمىي «Press TV» قانىلى ۋە «مەھر» خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت تاراتقۇلىرى دەلىللىدى.

خەۋەرلەردە، پىرېزىدېنت پەزەشكىياننىڭ پارلامېنت ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللىغان ۋە ھۆكۈمەتنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاپ، ئىمزا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قەدەم، تېھران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ يادرو نازارەتچى ئورگىنى ئوتتۇرىسىدىكى كۆزىتىش ئىجازىتى ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ كۈلەڭگىسىدە تاشلاندى. بۇ جىددىيچىلىك، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن يېقىندا يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشلاردىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.

13-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو مۇئەسسسەسەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 12 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇش پارتلىغان ئىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن تېھران باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئامېرىكا بولسا ئىراننىڭ ئۈچ يادرو مۇئەسسەسەسىنى بومباردىمان قىلغان. توقۇنۇش ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىكىدە 24-ئىيۇن كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى