تۈركىيە مۇنبىچقا ئوزۇق-تۈلۈك ياردەم قىلدى

تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ شەھىرىدە ياشاۋاتقان 1365 ئائىلىگە ئوزۇق-تۈلۈك ياردەم قىلدى.

تۈركىيە مۇنبىچقا ئوزۇق-تۈلۈك ياردەم قىلدى / TRT Uyghur

تۈركىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنبىچ ئاھالىسىغا ئوزۇق-تۈلۈك ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىختىيارىي يوسۇندا، بىخەتەر ھالدا ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى قوغداپ قېلىنغان ئاساستا يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى، ھەمدە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلانغان مۇنبىچ شەھىرىدە ياشاۋاتقان 1365 ئائىلىگە ئوزۇق-تۈلۈكلەر قاچىلانغان ياردەم يېشىكلىرىنى تارقاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.