ئەردوغان ۋە كوباخىدزې ھەربىي ئايروپىلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى سۆزلەشتى

ئەردوغان ۋە گىرۇزىيە باش مىنىستىرى كوباخىدزې تۈركىيە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

By
ئەردوغان ۋە كوباخىدزې تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلانى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىق قۇتقۇزۇش خىزمەتلىنى سۆزلەشتى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىراكلى كوباخىدزې گىرۇزىيەدە 20 تۈركىيە ئەسكىرى ئولتۇرغان C-130 تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن كېيىن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې سەيشەنبە كۈنى گىرۇزىيەدە چۈشۈپ كەتكەن تۈركىيە ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ن سوسيال» (NSosyal) دا، كوباخىدزېنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان بولسا، كوباخىدزېغا تەزىيە ۋە قوللىشى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ «C-130» تىپلىق ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانى 11-نويابىر ئەزەربەيجاندىن تۈركىيەگە قايتىۋاتقاندا، گىرۇزىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايروپىلاندا ئۇچقۇچى خادىملىرىنى قوشقاندا جەمئىي 20 كىشى بار بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مىنىستىرلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە چېگراسىدا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي تىرانسىپورت ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئەتىگەن سائەت 06:30 دا گىرۇزىيە دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا باشلاندى» دېدى.