پىرېزىدېنت ترامپ غەززەدە قۇرۇلغان پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇھاسىرە ئاستىدىكى رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا قەدەم قويۇلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە پەلەستىننى بىر تېخنىك ئەمەلدارلار ئورگىنىنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن پەلەستىنلىك تېخنىك ئەمەلدارلار كېڭىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى. ۋاشىنگتون تەرەپ ئۆكتەبىر ئېيىدا باشلانغان، ئەمما تېخىچە ئىنتايىن نازۇك بولغان ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ مۇشۇ شەكىلدە رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن باياناتىدا: «غەززەنى ئۆتكۈنچى باسقۇچتا باشقۇرۇش ئۈچۈن، كېڭەشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن پەلەستىن تېخنىك ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى ــ غەززە ئىدارە قىلىش مىللىي كومىتېتىنى قوللايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئۆكتەبىر ئېيىدا ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغانىدى. پىلانغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە خەلقئارالىق «تىنچلىق كېڭىشى»نىڭ نازارىتى ئاستىدا غەززەنى پەلەستىنلىك تېخنىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا باشقۇرىدۇ. پىرېزىدېنت ترامپ يەنە بىر يازمىسىدا، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان «تىنچلىق كېڭىشى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە ئەزالىرىنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىسرائىلىيە تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش بەلگىلىمىلىرىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە ئۆكتەبىردە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچىدىن بۇيان، كەم دېگەندە 100 دىن ئارتۇقى بالا بولۇپ، جەمئىي 440 تىن كۆپ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ مىسىر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزىنى قايتا ئېچىشنى كېچىكتۈرۈشى سەۋەبىدىن، ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى ئىزچىل تەۋرىنىش ئىچىدە قالدى.
قىيىن ئۆتكەل تېخى ئالدىدا
ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا قەدەم قويۇلغاندا، ۋاشىنگتون ۋە مۇساپىنىڭ ۋاسىتىچى شېرىكلىرى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىن تېخىمۇ كۆپ چېكىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە رايونغا خەلقئارالىق تىنچلىق ساقلاش قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بار.
ۋاسىتىچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتارنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىن تېخنىك ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتى 15 ئەزادىن تەشكىللىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەلى شەئاس رەھبەرلىك قىلىدۇ. شەئاس پەلەستىن ھۆكۈمىتىدە مۇئاۋىن مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، شۇنداقلا ئىلگىرى پەلەستىندىكى سانائەت رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانىدى.
پىرېزىدېنت ترامپ: «بۇ پەلەستىنلىك رەھبەرلەر تىنچلىق ئىچىدىكى بىر كەلگۈسىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچىسىنى نامايان قىلماقتا» دېدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، ترامپنىڭ نازارەتچىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇش رولىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ مۇستەملىكىچى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پىرېزىدېنت ترامپ يەنە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە، شۇنداقلا مىسىر ۋە قاتارنىڭ ھاماس بىلەن «كەڭ كۆلەملىك قورالسىزلاندۇرۇش كېلىشىمى» ھاسىل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى، ھازىرغىچە 71 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە ئېغىر ئاچلىق كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ جەرياندا غەززە نوپۇسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى. مۇتەخەسسىسلەر ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قىسمەن بېسىۋېلىنغان بۇ رايوندىكى ئۆلۈم-يېتىم سانىنىڭ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى ھەقىقىي قۇربانلار سانىنىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.