ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە تەنقىدلەرگە قارىماي ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
گېرمانىيە خەلقئارالىق تەنقىدلەر ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ئېكسپورتلارنى تەستىقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
گېرمانىيە تەنقىدلەرگە قارىماي ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ھامبۇرگدا پەلەستىننى قوللىغۇچىلارنىڭ «نەقبە» نىڭ 77-يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى / Reuters

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 2025-يىلى 26-ئىيۇنغىچە ئىسرائىلىيەگە 294 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ۋە قورال ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى دەلىللىدى.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 2024-يىلى 189 مىليون دوللارغا، 2025-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسىلدە 33 مىليون دوللارغا يەتكەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ ئۆكتىچى سولچىللار پارتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال ئېكسپورتىنى دەرھال توختىتىش چاقىرىقى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا جاۋابەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

گېرمانىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى دەپ ئاتالماقتا. سىياسىي رەھبەرلەر بۇ قوللاشنى گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەڭ كۆلەملىك يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتى دەپ قارايدۇ.

ئۆتكەن يىلى، نىكاراگۇئا خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا گېرمانىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكىسپورتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

بىراق، گېرمانىيە دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەدىن خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەتنامە ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ئىراندىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىمۇ ئىسرائىلىيەگە قورال - ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنى  قايتا باشلاشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتتى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى غەززەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 58 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. كەم دېگەندە 1 مىليون 900 مىڭ پەلەستىنلىك سەرگەردان بولۇپ كەتكەن غەززەدە خەلق يېمەكلىك، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىشتە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى