خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاندا كۈچلۈك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 30 كىشى قازا قىلدى
ھىندىستاندا كۈچلۈك يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھەج يولىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈشتە 30 كىشى قازا قىلدى.
ھىندىستاندا كۈچلۈك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 30 كىشى قازا قىلدى
ھىندىستاندا كۈچلۈك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە 30 كىشى قازا قىلدى / Reuters

بۇ ئاپەت ھىمالايا تېغىدىكى كەڭ كۆلەملىك پەسىللىك يامغۇر بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن  بەرگەن بولۇپ، پاكىستاننىڭمۇ پەنجاپ رايونىمۇ كۈچلۈك كەلكۈنگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.

ANI ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى جاممۇ رايونىدا داڭلىق بىر ھىندى ھەج يولىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 30 كىشى قېنىدىن ئايرىلغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلكۈن ئاپىتى دائىرىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ كېچىدە ئۆيلىرىدە قېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

جاممۇ ھىندىستاننىڭ فېدېراتسىيە باشقۇرۇشىدىكى جاممۇ ۋە كەشمىر رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ رايون يەنە ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرى تاغلىق لاداخ رايونىدا تېخىمۇ كۆپ يامغۇر ۋە بوران بىلەن بىرگە كۈچلۈك شامال چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. جاممۇدا كۈچلۈك يامغۇرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا، جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ سىياسىي رەھبىرى ئۆمەر ئابدۇللا ئالاقىنىڭ «يوق دېيەرلىك» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ANI نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى ۋايشنو دېۋى ھىندى ئىبادەتخانىسىغا يېقىن ھەج يولىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 30 كىشى ئۆلگەن.

بۇ ھىمالايا رايونىدا يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋە پەسىللىك يامغۇردىن كېلىپ چىققان ئەڭ يېڭى ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولدى. ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستان كەشمىرىدىكى كىشتۋاردا 60 كىشى قازا قىلىپ، 200 كىشىيوقاپ كەتكەن ئىدى.

دائىرىلەر جاممۇدىكى مائارىپ ئورگانلىرىنى تاقاشنى بۇيرۇدى. ھاۋارايى مۇتەخەسسىسلىرى سەيشەنبە كۈنى جاممۇدا 368 مىللىمېتىر (14.5 دىيۇم) يامغۇر ياققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تاۋى، چېناب ۋە باسانتار دەريالىرى ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جاممۇ رايونىنىڭ ئەمەلدارى راكېش كۇمار مۇخبىرلارغا تۆۋەنكى رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدە، تاۋى دەرياسىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ماشىنىلارنىڭ چوڭ بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، جاممۇنى ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر قىسىم تاشيوللارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ھىندىستاننىڭ قوشنىسى ۋە ئەزەلدىن رەقىبى بولغان پاكىستانمۇ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان پەسىللىك يامغۇرلار بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

سەيشەنبە كۈنى پاكىستان شەرقتىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۈك يامغۇر ۋە ھىندىستاننىڭ ئىككى سۇ ئامبىرىدىن سۇ قويۇپ بېرىش قارارى سەۋەبىدىن «ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە يۇقىرى» دەرىجىدىكى كەلكۈن خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر 14-ئاۋغۇستتىن بۇيان كۈچلۈك يامغۇردىن كېلىپ چىققان كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئايرىلغان تەخمىنەن 35 مىڭ كىشىنى قوشقاندا جەمئىي ئۆلكىدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - India floods kill more than 300

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى