تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا يوقىتىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىراق ۋە سۈرىيەدىن ھالقىپ ئۆتۈپ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەنلىكى بايقالغان بىر دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋادا يوقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا يوقىتىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەن، ئىراق ۋە سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەنلىكى بايقالغان بىر دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ناتو ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خاتايدىكى پارچىلار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا تەۋە

مەزكۇر تەھدىت ھاۋادا يوقىتىلغاندىن كېيىن، خاتاينىڭ دۆرتيول ناھىيەسىگە چۈشكەن پارچىلار توغرىسىدا ئۇچۇار بېرىلگەن باياناتتا: «خاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆرتيول ناھىيەسىگە چۈشكەن پارچىلارنىڭ، مەزكۇر تەھدىتنى ھاۋادا توسۇپ قالغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى» دېيىلدى

«تەھدىت قەيەردىن كەلسە كەلسۇن، قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىلىدۇ»

تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ياقىلايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «كىمدىن ۋە قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، زېمىنىمىز ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تولۇق قادىرمىز. ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى قوغداشقا قارىتىلغان ھەرقانداق قەدەم قەتئىيلىك بىلەن، ئىككىلەنمەستىن تاشلىنىدۇ. دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان ھەرقانداق دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەگە قارشى تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىمىزنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز.»

رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش ئاگاھلاندۇرۇشى

بارلىق تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرغان مىنىستىرلىق، بۇ دائىرىدە ناتو ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مەسلىھەتلىشىشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىرانلىق كەسپىدىشى بىلەن تېلېفونلاشتى

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن. مىنىستىر فىدان سۆھبەتتە، ئىراندىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەنلىكى بايقالغان ۋە ھاۋادا يوقىتىلغان باللىستىك بومبىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ ئىنكاسىنى بىۋاسىتە يەتكۈزگەن.

رايوندىكى جىددىيچىلىككە ئىشارەت قىلغان فىدان، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى