مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كاستامونۇدىكى پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە.
كاستامونۇدىكى پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
The site was registered as a first-degree archaeological site in 1998 but was subjected to illegal digging for years. / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى

كاستامونۇ ۋىلايىتىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئىشلىرى نەتىجىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر قەبرە تۆپىلىكى، مۇھىم مەدەنىيەت ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ساياھەت نۇقتىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، تارىخى تەخمىنەن 2100 يىلغا تۇتىشىدىغان بۇ قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.

كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ داداي ناھىيەسى كايى يېزىسىغا جايلاشقان بۇ قەبرە تۆپىلىكى، قەدىمكى پافلاگونىيە رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم قەبرە قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا.

بۇ جاي گەرچە 1998-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك ئارخېئولوگىيەلىك قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى يىللار داۋامىدا قانۇنسىز قېزىشلارغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا، قەبرە ھۇجرىسىنى ئوراپ تۇرغان يوغان تاش بۆلەكلەر قايتىدىن جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ تارىخىي يادىكارلىق زىيارەتكە ماسلاشتۇرۇلدى.

يەرلىك دائىرىلەر ۋە يېزا ئاھالىسى بۇ جاينىڭ رايون ئۈچۈن مۇھىم مەدەنىيەت بايلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك خەلقئارالىق تەشۋىقات ئارقىلىق رايوننىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

كايى يېزىسى باشلىقى ئىبراھىم تەرزى بۇ جاينىڭ رايوننىڭ مەدەنىيەت مىراسى جەھەتتىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يېزا باشلىقى سۆزىدە: «بىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇ جايدىن خەۋەر تېپىشىنى ۋە بۇ يەرنىڭ پافلاگونىيە قەبرىگاھى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تەبىئەت فوتوگرافى جەبرائىل كەلەشمۇ قەبرە تۆپىلىكىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جايدا قەدىمكى بىر ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنىڭ نامايان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كەلەش: «بىزگىچە يېتىپ كەلگەن خارابە قالدۇقلىرىدىن، ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى بۇ جايدا تەرەققىي تاپقان بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق، بۇ جاينى تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەگە قىزىقىدىغان خەلقئارالىق زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى