مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كاستامونۇدىكى پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە.
كاستامونۇدىكى پافلاگونىيە قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
The site was registered as a first-degree archaeological site in 1998 but was subjected to illegal digging for years. / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنى

كاستامونۇ ۋىلايىتىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئىشلىرى نەتىجىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بىر قەبرە تۆپىلىكى، مۇھىم مەدەنىيەت ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ساياھەت نۇقتىسى سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، تارىخى تەخمىنەن 2100 يىلغا تۇتىشىدىغان بۇ قەبرە تۆپىلىكى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن.

كاستامونۇ ۋىلايىتىنىڭ داداي ناھىيەسى كايى يېزىسىغا جايلاشقان بۇ قەبرە تۆپىلىكى، قەدىمكى پافلاگونىيە رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم قەبرە قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا.

بۇ جاي گەرچە 1998-يىلى بىرىنچى دەرىجىلىك ئارخېئولوگىيەلىك قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى يىللار داۋامىدا قانۇنسىز قېزىشلارغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان قېزىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى داۋامىدا، قەبرە ھۇجرىسىنى ئوراپ تۇرغان يوغان تاش بۆلەكلەر قايتىدىن جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ تارىخىي يادىكارلىق زىيارەتكە ماسلاشتۇرۇلدى.

يەرلىك دائىرىلەر ۋە يېزا ئاھالىسى بۇ جاينىڭ رايون ئۈچۈن مۇھىم مەدەنىيەت بايلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك خەلقئارالىق تەشۋىقات ئارقىلىق رايوننىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

كايى يېزىسى باشلىقى ئىبراھىم تەرزى بۇ جاينىڭ رايوننىڭ مەدەنىيەت مىراسى جەھەتتىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

يېزا باشلىقى سۆزىدە: «بىز پۈتكۈل دۇنيانىڭ بۇ جايدىن خەۋەر تېپىشىنى ۋە بۇ يەرنىڭ پافلاگونىيە قەبرىگاھى سۈپىتىدە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تەبىئەت فوتوگرافى جەبرائىل كەلەشمۇ قەبرە تۆپىلىكىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جايدا قەدىمكى بىر ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئىزلىرىنىڭ نامايان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كەلەش: «بىزگىچە يېتىپ كەلگەن خارابە قالدۇقلىرىدىن، ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى بۇ جايدا تەرەققىي تاپقان بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق، بۇ جاينى تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيەگە قىزىقىدىغان خەلقئارالىق زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان