سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئالياسكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالياسكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا رۇسىيەنى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ترامپ ئالياسكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى
/ Reuters

ترامپ ئالياسكادىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۆزى، پۇتىن ۋە زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئۈچ تەرەپلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالياسكا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىغان تەقدىردە، «ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە» دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون كېننىدى مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇتىن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىپ-كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «شۇنداق،  رۇسلار ئېمبارگولارغا دۇچ كېلىدۇ، جۈملىدىن ئۇلار ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ باياناتلار، ترامپنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە باشقا ياۋروپالىق رەھبەرلەر بىلەن تور يىغىنىغا قاتىشىپ بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇ يىغىننىڭ «ئىنتايىن ياخشى» ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يىغىنغا تولۇق  10 نومۇر بېرىمەن، بۇ دوستانە كەتپىيات ئىچىدە ئۆتكەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر يىغىن بولدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump eyes three-way meeting with Zelenskyy, Putin after Alaska summit

 ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن

 

ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە پۇتىن بىلەن تۇنجى قېتىم يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ ئالياسكانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھىرى بولغان ئانكورېجدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ پۇتىن، زېلېنسكىي ۋە ئۆزى قاتنىشىدىغان ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىمىز ناھايىتى يۇقىرى، بۇ تۇنجىسىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، چۈنكى تۇنجى يىغىندا قەيەردە ئىكەنلىكىمىزنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىمەن.

ئەگەر تۇنجى يىغىن ياخشى ئۆتسە، ئۇنىڭدىن كېيىنلا دەرھال ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزىمىز. مەن بۇنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرماقچىمەن، ئەگەر ئۇلار خالىسا، پىرېزىدېنت پۇتىن، پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ۋە مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئىككىنچى قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزىمىز.

جۈمە كۈنىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا بەزى ئاجايىپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ كېيىنكى ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

ترامپ بۇنداق بىر باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىك ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر كېرەكلىك جاۋابلارنى ئالالمىسام ۋە ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئويلىسام، ئىككىنچى قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزمەيمىز.»

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز